ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئەركىن تۇنىياز چىرا ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 ئەركىن تۇنىياز گۇلاخما يېزىسىدا قۇرۇلغان خوتەن ‹‹يۈدۇ›› چىلانچىلىق كەسپىي چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەخمەتجان مەتقۇربان خەۋىرى ، فوتوسى : شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 10–مارت چىرا ناھىيەسىدە خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى .

    ئەركىن تۇنىياز چىرا ناھىيەسىنىڭ نوپۇس ۋە پىلانلىق تۇغۇت ، سودا–سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ھەم خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانىلارنىڭ خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ ، ئىشلەنگەن خىزمەتلەرگە يۇقىرى باھا بەردى .

   ئۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا تەكىتىلەپ مۇنداق كۆرسەتمە بەردى : بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يىلى ، شۇنداقلا ئېغىزلار بويىچە شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ باشلىنىش يىلى . كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاش بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىسى . بارلىق فۇنكىسىيەلىك ئاپپاراتلار ئۆز رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ ، خەلق ئۈچۈن ئەلا مۇلازىمەت قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ، ئۆز جايىنىڭ ئۆزگىچە ، ئەۋزەل كەسىپلەر تەرەققىياتىنى تېخىمۇ تېزلىتىپ ، رايون ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە ، چىرا ناھىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەر ساھە خىزمەتلىرىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، خەلق تۇرمۇشىنى تىرىشىپ ياخشىلاش ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىشىنى خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر