غۇلجا شەھىرىدىكى ئۇرۇق سېتىش نۇقتىلىرى
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز كامال جامال خەۋىرى ، فوتوسى : ئىلى ئوبلاستىغا بىۋاستە قاراشلىق جايلار بۇ يىل بالدۇر تۇتۇش قىلىپ ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى خىزمىتىنى پۇختا ئېلىپ بېرىپ ، دېھقانلار ئۈچۈن ئەتراپلىق مۇلازىمەت قىلدى .
غۇلجا شەھىرى ، قورغاس ، چاپچال ، غۇلجا ناھىيەلىرى بۇلتۇرقىدىن 20 كۈن بۇرۇن ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك ماددى ئەشيالارنى يېتەرلىك كىرگۈزۈش بىلەن دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇ ئىشلىرى ئۈچۈن 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قەرز مەبلىغى تارقاتتى . نىلقا ناھىيەسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى كەنت ، ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش بىلەن 2500 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت تەقلەپ قويدى . كۈنەس ناھىيەسىدىكى دېھقانچىلىق پونكىتلىرى ھازىرغىچە 5000 توننا خىمىيەۋى ئوغۇت، 18 توننا دېھقانچىلىق دورىسى ، 30 توننا سۇلياۋ يوپۇق تەييارلاپ ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا قاتنىشىدىغان دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنى رېمونت قىلىپ ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىنى تەربىيەلىدى . توققۇزتارا ناھىيەسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا كېرەكلىك ماددىي ئەشيالارنى بۇلتۇرقىدىن بىر ئاي بۇرۇن كىرگۈزۈپ ، يازغى بۇغداي ، كۆممىقوناق ، مايلىق گازىر ئۇرۇقىدىن 1230 توننا، خىمىيەۋى ئوغۇتتىن 6120 توننا ، سۇلياۋ يوپۇقتىن 50 توننا ، دېھقانچىلىق دورىسىدىن 40 توننا تەييارلاپ ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا قاتنىشىدىغان تېخنىكا خادىملىرىنى ئېتىز باشلىرىغا ئەۋەتىپ ، دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىشقا ئاجراتتى .