شى چياۋمېي خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 27 – فېۋرال دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل 22 نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشنى، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنى ئۇنىڭ بىر تۈرى قىلىشنى، 20 مىڭ ئائىلىلىك كۆچمەن چارۋىچىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداشنى، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش بويىچە 27 غول سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاشنى قارار قىلدى.
شۈبھىسىزكى، بۇ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تارىختىن بۇيانقى چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ قۇرۇلۇش. مەبلەغ سېلىنمىسىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؟ قۇرۇلۇش قانداق ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ؟ دېگەندەك نۇرغۇن مەسىلە ئامما قىزىقىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.
مالىيە سېلىنمىسى كۆپەيتىلىدۇ، كارخانىلار ئۆز نامىنى قوللىنىش بەدىلىگە ياردەم بېرىدۇ
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتىنىڭ باش چارۋىچىلىق تېخنىكى جاۋ شىنچۈن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايوننىڭ چارۋىچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىي پىلانىغا ئاساسەن، بۇ قۇرۇلۇش تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى، قوتان، يەم – خەشەك لاپىسى، سىلوسلاش ئورىسى ۋە چارۋىچىلىق رايونى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر قانچە چوڭ بۆلەككە ئايرىلدى. بۇ يىل ئاپتونوم رايون 1 مىليارد 280 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، 20 مىڭ ئائىلىلىك كۆچمەن چارۋىچىنى ئولتۇراقلاشتۇرىدۇ، بۇنىڭغا 1 مىليارد 280 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىدىن 500 مىليون يۈەن، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن 100 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، قالغان قىسمى ناھىيەلەرنىڭ غەملىشى، شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ قوللىشى ۋە چارۋىچىلار ئۆزى چىقىرىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش بويىچە 27 غول سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 945 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش پىلانلاندى. بۇ ئارقىلىق 2 مىليون 597 مىڭ مو ئوت – چۆپ تېرىلىدىغان يەرنىڭ سۇ مەنبەسى مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى، ئولتۇراقلاشتۇرۇلغان 25 مىڭ ئائىلىلىك چارۋىچىنى سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە شارائىتى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتىنىڭ نازىرى ۋاڭ شىجياڭ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن بۇلتۇر 9 – ئىيۇن نازارىتىمىزدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ كارخانا ۋە شىنجاڭغا ماكانلاشقان كارخانىلار ئۆز نامىنى قوللىنىش بەدىلىگە سۇ ئامبىرىنى ھەقسىز سېلىپ بېرىش ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق بىر قانچە ئون يىلدىن بۇيان چارۋىچىلىق رايونلىرىدىكى سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى چۈشەپ كېلىۋاتقان مەبلەغ يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ 2010 – يىلى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش بويىچە توققۇز سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئوڭۇشلۇق ئىش باشلاندى، دېدى.
27 غول سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇشىدا ‹‹خۇانېڭ›› گۇرۇھى، ‹‹زىجىن›› كانچىلىقى قاتارلىق چوڭ كارخانا، چوڭ گۇرۇھلار 599 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ 17 تۈرنى ئۈستىگە ئالدى. بەزى كارخانىلار ئۈچ تۈرنى ئۈستىگە ئېلىش مۇددىئاسى بارلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئالاقىدار خىزمەتلەر ماسلاشتۇرۇلۇۋاتىدۇ. قالغان يەتتە تۈرنىڭ مەبلىغى ئاپتونوم رايون مالىيەدىن ئالدىن چىقىم قىلىش، ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەرلەر تېگىشلىكىنى ئۈستىگە ئېلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆي سېلىپ بېرىش بىلەنلا ھەل بولىدىغان ئاددىي مەسىلە ئەمەس
ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش ئۆي سېلىپ بېرىش بىلەنلا ھەل بولىدىغان ئاددىي مەسىلە ئەمەس. بۇ يىل 20 مىڭ ئائىلىلىك كۆچمەن چارۋىچىنى ئولتۇراقلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىماقچى، ھەر بىر ئائىلىنىڭ تۇرالغۇ كۆلىمىنىڭ پىرىنسىپ جەھەتتىن 80 كىۋادرات مېتىردىن كىچىك بولماسلىقىغا، قوتان كۆلىمىنىڭمۇ 80 كىۋادرات مېتىردىن كىچىك بولماسلىقىغا، 10 – 20 يىل ئېھتىياجدىن چىقالىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ توك، سۇ يەتكۈزۈش، تاشيول تۇتاشتۇرۇش، تۇرالغۇ ئۆي، قوتان، يەم – خەشەك لاپىسى بولۇش بىللەن بىللە، مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىقلار بولۇش ئۆلچەم قىلىنىدۇ؛ ھازىر پىلان ۋە لايىھە ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى، ماتېرىيال تەييارلاش قاتارلىق خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ، دېدى جاۋ شىنچۈن.
ئاپتونوم رايون بۇلتۇر 6 – ئايدا ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشى قوماندانلىق ئىشتابى تەسىس قىلىش بىلەن بىللە، ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار بىر قانچە تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى›› نى تارقىتىپ، ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىق ۋە تۈر تۇرغۇزۇپ تەستىقلاش، مۇھىت ئاسراشنى باھالاش خىزمىتى، يەر ئىشلىتىش، ئورمان يېرىنى ئېلىپ ئىشلىتىش، دەل – دەرەخ كېسىش، ئاھالىنى كۆچۈرۈش، باجدا ئېتىبار بېرىش، تېرىلغۇ يەرنى ئىشلىتىش، ئوتلاق تولۇقلىمىسى بېرىشتىن ئىبارەت توققۇز جەھەتتە ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى چىقىرىپ، ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىپ، قۇرۇلۇشنى توسالغۇسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئۇقتۇردى.
3 – تۈركۈمدىكى 18 سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشىدا مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلىنىدۇ
ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش غول سۇ مەنبەسى قۇرۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، 18 تۈرلۈك ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئومۇميۈزلۈك ئىش باشلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سۇچىلىق نازارىتى باش بولغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، دۆلەت زېمىن بايلىقى نازارىتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى قاتارلىق تارماقلاردىن تەشكىللەنگەن ئىككى نازارەت قىلىپ يېتەكلەش گۇرۇپپىسى بۇ يىل 12 – فېۋرالدىن 18 – فېۋرالغىچە شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدىكى تۈر يولغا قويۇلىدىغان ۋىلايەت، ئوبلاستلارغا بېرىپ، تېخى ئىش باشلانمىغان 18 تۈرلۈك قۇرۇلۇشقا نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تۈرلەرنىڭ قانۇنىي ئىگىسى بولغان ئورۇنلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايلارنىڭ رەسمىيەتلەرنى تېز بېجىرىپ، ئىش باشلاش شارائىتىنى ھازىرلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.
ھازىر ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى تۈرلەرنىڭ قانۇنىي ئىگىسى بولغان ئورۇنلار ئاساسىي جەھەتتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى. بۇنىڭدا ناھىيەلەرنىڭ سۇ باشقۇرۇش باش پونكىتلىرى تۈر قۇرۇلۇشى باشقارمىسى قۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ قانۇنىي ئىگىسى سۈپىتىدە قۇرۇلۇش قىلدۇرىدۇ ۋە باشقۇرىدۇ. ئاپتونوم رايون 3 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 3 – تۈركۈمدىكى 18 تۈرلۈك ئولتۇراقلاشتۇرۇپ چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى بېكىتتى.