ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قادىر ئىسلام خەۋىرى : يېقىندا ، ئېغىر دەرىجىدە قەنت سىيىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغان پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ خۇشئاۋات يېزا تومابېشى كەنتلىك دېھقان قارى ئىسلام ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھەمراھلىقىدا ، ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ داۋالىنىشقا ياردەم بېرىش رۇخسەتنامىسىنى ئېلىپ ، ناھىيەلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا يۆتكەش ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن ، قەشقەر ۋىلايەتلىك 1–خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ ياتاققا ئورۇنلاشتى .
پەيزاۋات ناھىيەسى قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ داۋالىنىش ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىر يۈرۈش تۈزۈملەرنى تۈزۈپ ، رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇردى ، ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسى ناھىيەدىكى ئۈچ دوختۇرخانا ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك 1–، 2–خەلق دوختۇرخانىسى، ئازادلىق ئارمىيە 12–دوختۇرخانىسى بىلەن داۋالاشقا ياردەم بېرىش كېلىشىمنامىسى ئىمزالىدى . بۇنىڭ بىلەن ، قىيىنچىلىقى بار بىمارلار ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە ناھىيەلىك سەھىيە ئىدارىسىنىڭ داۋالاشقا ياردەم بېرىش رۇخسەتنامىسىنى ئېلىپ يۇقىرىقى دوختۇرخانىلارغا بارسا ، دوختۇرخانىلار ئۇلارنىڭ كېسىلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋالايدىغان ، داۋالاش چىقىملىرىنى دوختۇرخانا بىلەن ئىدارىلەر ئۆزئارا ھېساب–كىتاپ قىلىشىۋالىدىغان بولدى . راك كېسىلى ، قەنت سىيىش كېسىلى ، جىگەر كېسىلى ، ئاق قان كېسىلى ، يۈرەك كېسىلى قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرگە قارىتا ئۇلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ، ئارخىپ تۇرغۇزغاندىن كېيىن ، ئۇلارغا ھەر يىلى ئامبۇلاتورىيە شارائىتىدا داۋالىنىشىغا 1000 يۈەندىن راسخوت ئاجراتقاندىن سىرت 2–، 3–قېتىملىق داۋالىنىشىغىمۇ مۇناسىپ داۋالىنىش ياردەم پۇلى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى ئازايتتى ، روھىي كېسەللەرگە قارىتا تولۇق سوممىلىق ياردەم بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ئۇلارنى مۇددەت ، تۈركۈمگە بۆلۈپ قەشقەر ۋىلايەتلىك ‹‹كاڭنىڭ›› دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ داۋالاتتى ، ئۆتكەن يىلى ناھىيە بويىچە داۋالىنىش ياردىمىگە ئېرىشكەن ئادەم 8977 نەپەرگە، ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن داۋالىنىش ياردەم پۇل سوممىسى 13 مىليون 504 مىڭ 800 يۈەنگە يەتتى. بۇ ناھىيە يەنە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى تارقىتىشنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغانلارنىڭ بىرىنىمۇ چۈشۈرۈپ قويماسلىق ، شەرتكە ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلارنىڭ بىرىنىمۇ قوشۇپ قويماسلىققا كاپالەتلىك قىلىپ، ئوبيېكتلارنى باھالاپ بېكىتىش ۋە كاپالەت پۇلىنى تارقىتىشنى تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلىشنى دائىملاشتۇردى ، بۇلتۇر ناھىيە بويىچە 8439 نەپەر شەھەر ئاھالىسى، 82 مىڭ 942 نەپەر يېزا ئاھالىسى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىمەن بولغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەھرىمەن بولغان پۇل سوممىسى 89 مىليون 920 مىڭ يۈەنگە يەتتى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، بۇ ناھىيە ھەر قايسى يېزا–بازارلاردا ئىجتىمائىي ئىشلار مۇلازىمەت زالى قۇرۇپ، يېزا–بازار دەرىجىلىك ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، يېزا–بازارلاردىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتلىرى، ‹‹ بەشتە كاپالەت›› ئائىلىلىرى، ياشانغانلار، ۋە يېتىم–يېسىرلارغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بەردى .