ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

قاراشەھەرنىڭ ھويلا–ئارام ئىگىلىكى تېز تەرەققىي قىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئامىنە ھەمدۇل خەۋىرى : ھەر بىر ئائىلىدە بىر تۇياقتىن كالا ، ئۈچ تۇياقتىن قوي ، بىر مو مېۋىلىك باغ ، بىر پارچە سەيلىك ۋە ئون بەشتىن ئۆي قۇشلىرى بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ ، دىھقانلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ھۈنەرۋەنچىلىك ، پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتى ، باقمىچىلىق قاتارلىق كۆپ خىل تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام بېرىپ كېلىۋاتقان قاراشەھەر ناھىيەسى ھويلا–ئارام ئىگىلىكىدە تېرىقچىلىق ، باقمىچىلىق ، پىششىقلاپ ئىشلەش ، سودا قاتارلىق ‹‹تۆتنى بىر گەۋدىلەندۈرۈپ ›› ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ ، ھويلا–ئارام ئىگىلىكىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇردى .

   بۇ ناھىيە ئۆتكەن يىلى يېزا ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ، ھويلا–ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ چىقىپ ئەمەلىيلەشتۈردى ھەم تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ ، دېھقانلارنى ھويلا–ئارام ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلىدى . ئۆتكەن يىلدىن بۇ يىل مارتقىچە بېقىلغان توخۇ ، كەپتەر ۋە ھەر خىل ئەتىۋارلىق ئۆي قۇشلىرىنىڭ تاۋارغا ئايلىنىش نىسبىتى %95تىن كۆپرەككە يېتىپ ، 18 مىليون 500 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق مەھسۇلات قىممىتى يارىتىلدى . يېڭىدىن 390 باقمىچىلىق كەسپىي ئائىلىسى بەرپا قىلىنىپ ، تىپلار ئارقىلىق ئومۇمىي دائىرە يېتەكلىنىپ ، باقمىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلدى . بىيداچۈ يېزىسىدا نۆۋەتتە ، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسپىي ئائىلىلەر ئىلگىرىكى سەككىزدىن 46گە كۆپىيىپ ، دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر