ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

چەرچەندە ئەتىيازلىق ھايۋانات يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتى ياخشى ئېلىپ بېرىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ10-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى : چەرچەن ناھىيەلىك پارتكوم ، خەلق ھۆكۈمىتى ئەتىياز پەسلىدىكى چارۋا ماللارغا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى . ھەر قايسى يېزا–بازارلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئەستايىدىل تەشكىللىشى ، مال دوختۇر خادىملارنىڭ كېچە–كۈندۈز جاپالىق تىرىشىشى ، ناھىيە ، يېزا ، كەنت ، گۇرۇپپىلارنىڭ بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە ، ئەتىياز پەسلىدىكى چارۋا مال يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مۇداپىئە خىزمىتى تەشكىلىي جەھەتتە كاپالەتلىك قىلىنىپ ، پۇختا قەدەم بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ ، مارتنىڭ باشلىرىغا قەدەر147مىڭ 500 تۇياقتىن ئارتۇق قوي–كالىغا ئاقسىل ۋاكسىنىسى ، 21 مىڭ 500 دانىگە يېقىن ئۆي قۇشىغا تارقىلىشچان قۇش ۋاكسىنىسى ئۇرۇلۇپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەر گۆش ئىستېمالىغا كاپالەتلىك قىلىندى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر