مېھرىگۈل غوپۇر خەۋىرى : ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى شەۋكەت ئىمىن باشچىلىقىدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەت، دىن ئىشلىرى زىيارەت ئۆمىكى ئىسلام دۆلەتلىرىگە قىلغان دوستانە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 9 – مارت ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلدى.
شەۋكەت ئىمىن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا مۇنداق دېدى: ۋەكىللەر ئۆمىكىمىز 25 – فېۋرالدىن 8 – مارتقىچە سەئۇدى ئەرەبىستانى، تۈركىيە، پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت تارماقلىرى بىلەن دوستانە ئالاقىلەشتى، شۇ جايدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو مۇھاجىرلىرى ۋە جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇچراشتى، بارغانلا يەردە يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىگە ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر زىيارەت داۋامىدا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ پارتىيەنىڭ مىللەت، دىن سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، شۇنداقلا ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى راۋاجلانغان، ھەر مىللەت ئامما ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان ياخشى ۋەزىيىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، جۇڭگو، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ مىللەتلەر، دىنلارنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرى، شۇنداقلا يېڭى نەتىجىلىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دوستلۇقنى كۈچەيتتى.