ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

‹‹ئالىمنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ناخشام بىلەن پۈتۈن جۇڭگوغا تارقىتىمەن››

2011-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

 لى خۇا ، فېڭ جېن

  ۋەكىل جاڭ چۈنشيەن ناخشىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى

    ‹‹كۆپچىلىك بىردەم تەخىر قىلىڭلار، ھازىر بىر ناخشىچى بىزگە ئالىمنى مەدھىيەلەيدىغان ناخشا ئېيتىپ بەرمەكچى››، 10 – مارت چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنىڭ قاراپ چىقىشى ئاخىرلاشقاندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل جاڭ چۈنشيەن يىغىن مەيدانىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان ۋەكىللەرنى توختاپ تۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

  ئابلىز ناخشىنى پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن بېرىلىپ ئېيتىپ، مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى

    ئەسلىدە ئازادلىق ئارمىيە ھاۋا ئارمىيە سىياسىي بۇسى سەنئەت ئۆمىكىنىڭ ناخشىچىسى ئابلىز شۇجى جاڭ چۈنشيەننىڭ مىكرو بىلوگىدا ئۆزىنىڭ ئالىمنى مەدھىيەلەيدىغان ‹‹ئالىم، ياخشى ئوغلان›› دېگەن ناخشىنى مەشىق قىلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆز قالدۇرغان ئىكەن. بۈگۈن شۇجى جاڭ چۈنشيەن ناخشىچى ئابلىز ۋە بۇ ناخشىنىڭ سۆزى، مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن شىنجاڭلىق ياش كومپوزىتور جاڭ جىنپۇنى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تۇرۇشلۇق جايغا بۇ ناخشىنى ئېيتىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغان ئىكەن.

    بۇ ناخشىنىڭ تېكىستى شۇنداق ئاددىي، راۋان، مۇزىكىسى شۇنداق يېقىملىق بولۇپ، ناخشىچى پۈتۈن ھېسسىياتى بىلەن بېرىلىپ ئېيتىپ، مەيداندىكىلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

    ئابلىز خېجىڭ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. ئۇ بۇلتۇر يىل ئاخىرى ئالىمنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ: بېيجىڭدا ياشاۋاتقىنىمغا 20 يىل بولدى، يۇرتدىشىم ئالىمدىن پەخىرلىنىمەن، ئەل ئىچىدىن چىققان بۇ ساخاۋەتچىنى مەدھىيەلەيمەن، دېگەن.

    بۇ ناخشا ھازىر شىنجاڭدا كەڭ تارقالدى، ئابلىز جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ مىكرو بىلوگىدا ۋەكىللەرگە بۇ ناخشىنى ئېيتىپ بېرىش ئويى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. ‹‹جاڭ چۈنشيەن شۇجىنىڭ بۇنچىلا خەلقپەرۋەرلىكىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن، راستلا مېنى ۋەكىللەرگە ناخشا ئېيتىپ بېرىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ››، دېدى ئابلىز.

    ئابلىز: مېنىڭ كېيىنكى ئارزۇيوم بۇ ناخشىنى مەملىكەتنىڭ جاي – جايلىرىدا ئېيتىش، دېدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!