جۇڭگو ئاخبارات تورى 13 – مارت تېلېگراممىسى : نۆۋەتتە ، ياپونىيەدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە قازا قىلغانلارنىڭ سانى داۋاملىق كۆپىيىۋاتقان بولۇپ ، بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 13 – مارت چۈشتىن بۇرۇن ئېلان قىلغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە ، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش 2000 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە يوقاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان .
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى ۋە ياپونىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، 13 – مارت چۈشتىن بۇرۇنغىچە ، ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر جايدىن يەنە 200 قازا قىلغۇچىنىڭ جەسىتى بايقالغان ، ياپونىيەدە يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى كۈچلۈك يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى سەۋەبىدىن ، 2000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ۋە يوقاپ كەتكەن .
بۇنىڭدىن باشقا ، ياپونىيەنىڭ مىياگى ناھىيەسىدىكى سانرىكۇدا تەخمىنەن 9500 گە يېقىن ئادەم بىلەن بولغان ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغان بولۇپ ، بۇ كىشىلەرنىڭ ھازىرغىچە ئىز – دېرىكى بولمىغان .
ياپونىيە باش ۋەزىرى نائوتوكان 12 – مارت ، تەخمىنەن 3000 دىن ئارتۇق ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قۇتقۇزۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان .
نۆۋەتتە ، ياپونىيە ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى مۆلچەرلىمەكتە ، لېكىن قىسمەن رايونلار يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر بولغان قالدۇق يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان .