ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

زۇڭلى ۋېن جياباۋ : ئىشەنچ خۇددى قۇياشقا ئوخشاش نۇرغا ۋە ئۈمىدكە تولغان بولىدۇ

2011-يىلى03-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
     زۇڭلى ۋېن جياباۋ مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاپ بەرمەكتە      شىنخۇا تورى بېيجىڭ 14 – مارت تېلېگراممىسى : جۇڭگو گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 14 – مارت بېيجىڭ ‹‹ خەلق ›› سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ‹‹ بىزنىڭ ئازاب – ئوقۇبەت ئېڭىمىز بولۇشى ، باشتىن – ئاخىر كاللىمىزنى سەگەك تۇتۇشىمىز كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، يەنە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك ، ئىشەنچ خۇددى قۇياشقا ئوخشاش نۇرغا ۋە ئۈمىدكە تولغان بولىدۇ ›› . 

   زۇڭلى ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى : ‹‹ يېقىندىلا ئاياغلاشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى يىغىنى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات ۋە ‹‹ 12 – بەش يىللىق ›› يىرىك پىلان تېزىسىنى ماقۇللىدى . بۇ بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويۇلغان ئىنتايىن مۈشكۈل ۋەزىپە ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ ، كۆزلىگەن نىشانغا يېتىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ ››.

   ئۇ يەنە : ‹‹ مېنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىم ئاياغلىشىشقا يەنە ئىككى يىل قالدى ، مەن بۇ ئىككى يىلدىكى خىزمەتلەرنىڭ باشقا ھەر قانداق بىر يىلدىكىدىن يېنىك بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمەن ›› دېدى .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!