ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

قىزىل يېزىسىدىكى ئىككى دېھقان ئوقۇغۇچىلارغا ۋېلىسپىت ئېلىپ بەردى

2011-يىلى03-ئاينىڭ14-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

ئوقۇغۇچىلار ۋېلىسپىتنى تاپشۇرۇپ ئالماقتا

   ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھۆسىيىن مەمتىمىن خەۋىرى ، فوتوسى : يېڭىسار ناھىيەسىنىڭ قىزىل يېزا كۆلئېرىق 12–كەنت 1–مەھەللىسىدىكى ئالدىن بېيىغان دېھقان ئابا نۇر بىلەن بۇ يېزىنىڭ مەللە تام 6–كەنتىدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات قۇربان ناۋايىلار 11–مارت ئۆز يانلىرىدىن 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن پۇل چىقىرىپ ، 32 دانە ۋېلىسىپىت سېتىۋېلىپ ، يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئائىلىسى مەكتەپتىن 15 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراق بولغان ، ئۆگىنىش ۋە ئەخلاقتا ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن نۇرسىمانگۈل ھەسەن ، ئېلى بىراۋىدىن قاتارلىق 32 نەپەر ئوقۇغۇچىغا بىردىن تارقىتىپ بېرىپ ، ئۇلارنىڭ مەكتەپكە بېرىپ كېلىشتىكى قاتناش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى ۋە بۇ ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم ، خۇشال–خورام ئوقۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!