ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن ، ھەسەنجان مەمتېلىلەر خەۋىرى ، فوتوسى : ئاۋات ناھىيەلىك 3–ئوتتۇرا مەكتەپ 9–مارت 2010–2011–ئوقۇش يىلى 2–مەۋسۈملۈك ئوقۇش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ ، ئالدىنقى مەۋسۈملۈك خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل خۇلاسىلىدى ۋە كېيىنكى مەۋسۈملۈك خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردى .
ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا 1–مەۋسۈمدىكى ئۆگىنىش نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى بولغان 30 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۈچ دەرىجە بويىچە مۇكاپاتلىدى. ئۆگىنىش نەتىجىسى مەكتەپ بويىچە بىرىنچىدىن ئونىنچىغىچە بولغان 10 نەپەر ئوقۇغۇچىنى 900 يۈەن نەق پۇل بىلەن، ئونىنچىدىن يىگىرمىگىچە بولغان 10 نەپەر ئوقۇغۇچىنى 400 يۈەن نەق پۇل بىلەن ، يىگىرمىنچىدىن ئوتتۇزىنچىغىچە بولغان ئوقۇغۇچىلارنى 100 يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلىدى. بۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاشقا مەكتەپ مالىيەسىدىن 32 مىڭ 500 يۈەن ئاجرىتىلغان بولۇپ، مەكتەپ تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا مۇكاپاتلاش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن .