جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىئو تورى بېيجىڭ 10-مارت خەۋىرى:
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئات ئۈستىدىكى خەلقنىڭ خاتىرجەم ماكانلىشىشىغا ياردەم بەردى ھەم ئۇلارغا بېيىش يولىنى ئېچىپ بەردى.
خەلقنى بېيىتىپ، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈشتە سۇچىلىقنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇردى. بۇلتۇر 6-ئايدا يولغا قويۇلغان «مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش» قۇرۇلۇشىدىن بۇيان، شىنجاڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى يېڭىلاپ، مالىيە مەبلىغى ئارقىلىق جەمىيەت مەبلىغىنى قوزغىدى ھەم كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ ئولتۇراق نۇقتىلىرىدىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشىدا، جەمىيەت مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىن ئاپتونوم رايون مالىيەسى مەبلەغ چىقىرىشقا قاراپ بۇرۇلۇش ياسىدى. ھازىرغىچە، توققۇز سۇ ئامبىرىدا ئارقا-ئارقىدىن ئىش باشلاندى، 20 مىڭ ئائىلىلىك كۆچمەن چارۋىچىنىڭ ئۆي قۇرۇلۇشىمۇ باشلاندى، ھەر بىر ئۆي ۋە قوتاننىڭ كۆلىمى 80 كۋادرات مېتىردىن كەم بولمايدۇ. 2012-يىلىغىچە، شىنجاڭ 27 سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيگەن سۇ ئامبارلىرىنىڭ سىغىمى 140 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدۇ، يېڭىدىن كۆپەيگەن سۈنئىي يەم-خەشەك كۆلىمى بىر مىليون موغا يېقىنلىشىپ، 25 مىڭ ئائىلىلىك چارۋىچىغا مۇكەممەل ئاساسىي ئەسلىھە شارائىتى ھازىرلاپ بېرىلىدۇ. تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!