ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكا يېڭى ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىمىنى ئورۇنلاشتۇردى

2011-يىلى03-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ئامېرىكا يېڭى ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىمىنى ئورۇنلاشتۇردىئامېرىكا يېڭى ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سېستىمىنى ئورۇنلاشتۇردى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-مارت خەۋىرى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ « مونتېري » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى 3-ئاينىڭ 7-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋېگىنىيە شىتاتىدىكى دېڭىز ئارمىيە بازىسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغا قاراپ يولغا چىققان ھەمدە بۇ رايوندا 6 ئاي ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. بۇ ئوباما 2009-يىلى ياۋروپادا باسقۇچلارغا بۆلۈپ باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش يېڭى پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيانقى بىرىنچى قەدەمدىكى ماھىيەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئىكەن.
« مونتېرىي» ناملىق ھەربىي پاراخوت ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېستىمىسىنى قوللاشنى مەقسەت قىلىپ ئوتتۇرا دېڭىزغا ئەۋەتكەن بىرىنچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى ئىكەن. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىغا ئاساسلانغاندا، « مونتېرىي » ناملىق ھەربىي پاراخوت يىراق مۇساپىلىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىز قوغلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان بولۇپ، سانلىق مەلۇماتنى يەر يۈزى باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش پونكىتىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ياردەم بېرىدىكەن، «مونتېرىي» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىق ئوكيان چارلاش پاراخوتى بۇ يىل 1-ئايدا ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان تراكتورىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىز قوغلاش مانىۋېرىغا قاتناشقان. بۇ پاراخوتقا «Aegis» پاراخوتى ئىشلىتىدىغان ئۇرۇش قىلىش سېستىمىسى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن بولۇپ، ھۇجۇم قىلماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تېز سۈرئەتتە بايقاپ توسۇپ قالالايدىكەن.
ئىككىنچى باسقۇچى، ئامېرىكا 2015-يىلى رۇمىنىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە  تېخى تەتقىقات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان قۇرۇقلۇقتىن قويۇپ بېرىلىدىغان «SM-3» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە قۇرۇقلۇققا ئورنىتىلىدىغان «Aegis» سېستىمىسىنى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. ئۈچۈنچى ۋە تۆتىنچى باسقۇچى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 2018-يىلى ۋە 2020-يىلى ئورۇندىلىدىغان بولۇپ، پولشا ۋە چېخ قاتارلىق دۆلەتلەرگە تېخىمۇ ئىلغار باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇش سېستىمىسى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ياۋروپا تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاۋ جۈنجيې مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم «مونتېرىي» ناملىق پاراخوتنى ئەۋەتىشى يېقىنقى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگۈرىشكە ئىنكاس قايتۇرىشى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ يەر شارى ئىستراتىگىيىسىنى گەۋدىلەندۈرىدىكەن.
 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!