ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر 1000 دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن

2011-يىلى03-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  ياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر 1000 دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنياپونىيەدىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەر 1000 دىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12-مارت خەۋىرى: ياپونىيە كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ياپونىيە ساقچى تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 8.9 بال يەر تەۋرىگەنلىكتىن ئۆلگەنلەر سانى 350 ئادەمگە يەتكەن، ئېھتىمال ئەڭ ئاخىرقى ئۆلگەنلەر سانى 1000 ئادەمدىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
BBC نىڭ خەۋىرىدە ياپونىيەنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا 350 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى، تەخمىنەن 500 ئادەم يوقاپ كەتتى دېيىلگەن. فۇكىشىما ئايمىقىنىڭ سۇكاۋاگا شەھىرىنىڭ ئاشكارلىشىچە، مەزكۇر شەھەردىكى سۇ توسمىسىدا يار ئېلىپ كېتىپ، تۆۋەن ئېقىندىكى ناگۇناما رايونىغا جايلاشقان ئاممىنىڭ ئۆيلىرىنى ئېقىتىپ كەتكەن، 8 ئادەم يوقاپ كەتكەن.
ئوباما 11-مارت ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاۋىئاماتكىسىنىڭ ياپونىيەنىڭ يەر تەۋرەش ۋە دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرگەن رايونىغا ياردەم بېرىشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى، بىر ئاۋىئاماتكىنىڭ ياپونىيەدە ئىكەنلىكىنى، يەنە بىرىنىڭ ياپونىيەگە بېرىش يولىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
12-مارت سەھەر 03:59 ئەتراپىدا، ناگانو ئايمىقىنىڭ شىمالىدا  6.6 بال يەر تەۋرىگەن، سەھەر 04:32 ئەتراپىدا يەنە 5.8 بال يەر تەۋرىگەن.
ئالىملار 3-ئاينىڭ 12-كۈنى بىلدۈرىشىچە، ياپونىيەدە قاتتىق يەر تەۋرىگەنلىكتىن، 11-مارت يەر شارىنىڭ ئۆز ئوقىدا ئايلىنىش سۈرئىتى 1.6 مىكرو سېكىنۇت تېزلاپ كەتكەن.
ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيىسى 4 تىك ئۇچار ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، مىياگى ئايمىقىدىكى كېسېننۇما شەھىرىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوت ئىچىگە قاپسىلىپ قالغان 800 نەپەر شەھەر ئاھالىسىنى قۇتقۇزغان. ھازىرغا قەدەر 300 ئادەمنى قۇتقۇزۇپ چىققان، يەنە 500 ئادەم قۇتقۇزۇشنى ساقلاۋېتىپتۇ.
كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ياپونىيە ساقچىلىرى 11-مارت ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى سېنداي شەھىرىنىڭ دېڭىز ياقىسى رايونىدا 200~300 جەسەتنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەڭ يېڭى خەۋەردە ئۆلگەنلەر 1000 دىن ئاشقانلىقى دېيىلگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!