خەلق تورىنىڭ 11-مارت خەۋىرى: ش ئا ئە ت نىڭ ئافغانىستاندىكى ھەركىتىگە قاتناشقان 48 دۆلەتنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى 11-مارت بېريۇسىلدا يىغىن ئېچىپ، ئافغانىستانغا مۇداپىئەسىنى تاپشۇرۇپ بېرىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ش ئا ئە ت نىڭ باش كاتىپى راسموسىن يىغىندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى « ئافغانىستان- ش ئا ئە ت تاپشۇرۇپ بېرىش كومىتىتى » تەكلىپىنى تەستىقلىغانلىقىنى، تۇنجى تۈركۈمدىكى ئافغانىستانغا مۇداپىئەسىنى تاپشۇرۇپ بېرىدىغان رايوننى بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان.
راسموسىن تەكىتلەپ، مۇداپىئەسىنى تاپشۇرۇپ بېرىش دەرھال چېكىنىپ چىقىشتىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى، ش ئا ئە ت قىسىملىرى ئافغانىستاننىڭ تېخىمۇ كۆپ يېڭى ئەسكەرلىرىنى تەربىيلەيدىغانلىقىنى دېگەن. تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتىگە مەسئول ش ئا ئە ت ئەمەلدارىنىڭ ئاشكارلىشىغا ئاساسلانغاندا، تۇنجى تۈركۈمدە تاپشۇرۇپ بېرىش پىلانى 6 رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. پېترائۇس ئافغانىستاندىكى قوماندانلىق ۋەزىپىسىدىن بوشىتىلىدۇ ئامېرىكا ئارمىيىسى ئافغانىستاندا ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ئافغانىستاندىكى ناتو قوشۇنلىرى(چوڭ ھەجىملىك سۈرەتلەر توپلىمى)
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!