شىنخۇا ئاگېنتلىقى، قاھىرە، 9 – مارت تېلېگراممىسى. لىۋىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى 9 – مارت قاھىرەگە كەلدى، ئۇ مىسىر قوراللىق قىسمى ئالىي كومىتېتىغا لىۋىيە رەھبىرى كازافىنىڭ خېتىنى تاپشۇرىدۇ.
مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئارقا سەپ تەمىناتىغا مەسئۇل گېنېرال مايور ئابدۇل راخمان زاۋى باشچىلىقىدىكى لىۋىيە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرى 9 – مارت ياكى 10 – مارت مىسىر قوراللىق قىسىمى ئالىي كومىتېتىدىكىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىكەن ھەم كازافىنىڭ جىددىي خېتىنى تاپشۇرىدىكەن.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى 12 – مارت دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرىنىڭ جىددىي يىغىنىنى ئېچىپ، كۈندىن – كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان لىۋىيە ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلىشنى ھەم ئەرەب ئەللىرىنىڭ لىۋىيە كىرىزىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى بىلدۈرۈشنى قارار قىلغان.