جۇڭگۇ ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كوتىدىۋا كىرزىسىنى مۇرەسسىلىگۈچى ئالىي كوومىتېتى تۈنۈگۈن يېپىق يىغىن ئېچىپ، كوتىدىۋا ۋەزىيىتىنى مۇھاكىمە قىلدى.
بۇ قېتىمقى يىغىنغا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما، ماۋرىتانىيە زۇڭتۇڭى ئەزىز ھەمدە چاد، تانزانىيە ۋە بۇركىنا فاسو قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالىي ۋەكىلى ۋە غەربى ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى.
كوتىدىۋا سىياسىي كىرزىسىدىكى ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ــ زۇڭتۇڭ باگبونىڭ ۋەكىلى ۋە ئۆكتىچىلەر گۇرۇھىنىڭ رەھبىرى ئوتتارا يىغىنغا قاتناشتى. بۇ ئوتتارانىڭ بۇلتۇر نويابىرنىڭ ئاخىرىدىكى سايلامدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم ئۆزى ئابىدجاندا تەسىس قىلغان «ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت مەھكىمىسى» دىن ئايرىلىشى ھېسابلىنىدۇ.
پراكتىكانت تەرجىمان: ئامىنە ئابدۇراخمان