جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:
خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئاپپاراتىنىڭ مۇدىرىيەت يىغىنى تۈنۈگۈن يېڭى بىر تۈرلۈك كۆپ تەرەپلىمە يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى تەستىقلىدى، بۇنىڭدىن مەقسەت يادرو يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بولمىغان تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يادرو ئېنىرگىيىسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىش خەۋىپىنى تۆۋەنلىتىش. مۇدىرىيەت يىغىنىغا ئەزا 35 دۆلەتنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى بىلەن، ئەنگىلىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى شۇنداقلا ئامېرىكا ۋە رۇسىيە بىرلىكتە ئوتتۇرىغا قويغان «يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش» لايىھەسى ئاۋازغا قويۇلدى، ئاخىرىدا 26 ئاۋازنىڭ قوشۇلىشى، 8 ئاۋازنىڭ ھوقوقتىن ۋاز كېچىشى، بىر دۆلەت ۋەكىلىنىڭ قاتناشماسلىقى نەتىجىسىدە بۇ لايىھە تەستىقلاندى.
ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئاپپاراتىنىڭ كاپالەتلىك قىلىشى ۋە نازارىتى ئاستىدا، يادرو يېقىلغۇسى تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر بىلەن ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر كېلىشىم ئىمزالاپ، يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەشنىڭ سودىدىن باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ـــ بۇ لايىھەنىڭ يادروسى قىلىندى.
پراكتىكانت تەرجىمان: ئامىنە ئابدۇراخمان