ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

گېرمانىيە لىۋىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى

2011-يىلى03-ئاينىڭ12-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  گېرمانىيە لىۋىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشقا قارشى تۇردىگېرمانىيە لىۋىيەگە ھەربىي ئارىلىشىشقا قارشى تۇردى
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 12-مارت خەۋىرى: لىۋىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى قازافى ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىشنى كۈچەيتىشنى قارار قىلغان. 11-مارت بېريۇسىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى 27 دۆلەت يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى يېڭى جازالاش تەدبىرىنى بېكىتىپ چىققان ھەمدە قازافىنىڭ دەرھال ئىستىپا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان. بىرلا ۋاقىتتا ئەنگىلىيە بىلەن فرانسىيە لىۋىيەگە قارىتا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشقا مايىل بولغان، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قارىتا قارشى تۇرۇدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسىمىدا لىۋىيە ۋەزىيىتىگە قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشتا تالاش-تارتىش بولغان. ئەنگىلىيە، فرانسىيە ھەربىي ئارىلىشىشقا ئېغىشقان. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئەكسىچە نىسبەتەن ئېھتىياتچان پوزىتسىيە تۇتقان. مېركىل گېرمانىيە ئاخباراتلىرىغا گېرمانىيە لىۋىيە خەلقىنىڭ ئازاپ-ئوقۇبەتلىرىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشنى خالايدۇ. ئەمما قارار چىقىرىشتىن ئىلگىرى چوقۇم قاتتىق ئويلىنىش كېرەك، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن توغرا قارار چىقارغىلى بولىدۇ دېگەن. گېرمانىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىمۇ ش ئا ئە ت نىڭ ھەربىي جەھەتتە ئارىلىشىشىنىڭ نۆۋەتتە مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
باشقا بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى لىۋىيە سىياسىي ۋەزىيىتىگە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشتا پىكىرىنى ساقلاپ قالغان، بۇ دۆلەتلەر ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىش ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ غەربكە بولغان نارازىلىقىنى قوزغاپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرى لىۋىيەدە ئۇچۇش چەكلەش رايونى تەسىس قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى، بۇ نۇقتا چوقۇم ئامېرىكا ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتىشى كېرەك. لېكىن ئامېرىكا بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى تېخى ئىپادە بىلدۈرمىگەن.
روسىيە « مۇستەقىل ھەربىي ئىشلار ئوبزورى » نىڭ ئاشكارلىشىغا ئاساسلانغاندا، لىۋىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ غەرب ھاۋا ئارمىيىسىگە بولغان تەھدىتى ناھايىتى چەكلىك ئىكەن، مۆلچەرلىنىشچە قازافىنىڭ قولىدىكى بارلىق ھاۋا ئارمىيە كۈچىلىرى 8000 ئادەمدىن ئاشمايدىكەن، ھازىر تەخمىنەن 190 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋەزىپە ئۆتەۋېتىپتۇ، ئىككىنچى ئەۋلاد سەۋىيىدىكى MiG-21، MiG-23، كۆلەڭگە-F1 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى كۆپ ئىكەن.
بۇ ئايروپىلانلارنىڭ رادار سېستىمىسى، ئوت كۈچى ۋە قورال ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارى زىيادە كونا بولۇپ، نۇرغۇن ھاۋادا ئۇرۇشىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى ساقلاش مۇددىتىدىن ئۆتۈپ كەتكەن. يەنە كېلىپ 20 يىلغا يېقىن قورال چەكلەش لىۋىيە ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ كۆپ قىسىم ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئارقا سەپ كاپالىتى كەمچىل ئەھۋالدا قويغان، گەرچە پەقەت يۇقىرى ئېگىزلىككە ئاتىدىغان پىلموت ۋە ياندا ئېلىپ يۈرۈيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا ئىگە توپىلاڭچىلار ئارمىيىسىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ، لىۋىيە ھاۋا ئارمىيىسى يەنىلا Su-24، كۆلەڭگە-F1 قاتارلىق ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن چىقىمدار بولغان.
لىۋىيە ھاۋا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى تېخىمۇ قالاق بولۇپ، گەرچە ئۇلار تىرىپولىغا 200 يۈرۈش يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىسى توپىلىغان، تىپلىرى روسىيەدە ياسالغان S-200، S-75 يىراق مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، S-125 ئوتتۇرا مۇساپىلىق يەردىن ھاۋا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھەمدە 2K25 دالا ئۇرۇشى ھاۋا مۇداپىئە سېستىمىسىنى سەپلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ سېستىمىلارنىڭ تېخنىكا مەخپىيىتىنى ئامېرىكا بۇرۇنلا پىششىق بىلىپ بولغان، ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك ئىلىكترون ئۇرۇشىدا ھېچقانداق رولىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ.
تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تەشەببۇس قىلىدىغان لىۋىيەدىكى ئۇچۇشنى چەكلەش رايونىنىڭ مەيدانى ئېھتىمال ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى ئىراق ۋە بوسنىيە قارا تاغدا تەسىس قىلغان ئۇچۇش چەكلەش رايونىدىن چوڭ بولىشى مۇمكىن، ئەينى چاغدا ئامېرىكا ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۇۋەيت، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە ئىتالىيەلەردە 5 دىن ئارتۇق ھاۋا ئارمىيە ئىسكادرونى ئورۇنلاشتۇرۇپ (ھەربىي ئىسكادروندا 20 دانە ئايروپىلان بولىدۇ)، ئۈزۈلمەي ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇرۇش رايونىنى چارلاش ۋە توسۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان. 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!