ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن رايون
شىنخۇا تورى توكيو 9 – مارت تېلېگراممىسى : ياپونىيە رادىيو جەمئىيىتى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ 9 – مارت خەۋەر قىلىشىچە ، ياپونىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىدە شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 7.2 بال يەر تەۋرىگەن بولۇپ ، نۆۋەتتە ، ئادەم ئۆلۈش –يارىلىنىش ۋە مال – مۈلۈك زىيانغا ئۇچراش توغرىسىدا خەۋەر يوق ئىكەن .
ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ۋازاىتىنىڭ كۆزىتىشىگە قارىغاندا ، يەر تەۋرەش شۇ كۈنى سائەت 11:45 ( بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:45 ) دە يۈز بەرگەن بولۇپ ، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى تەخمىنەن 10 كىلومېتىر كېلىدىكەن ، مىياگى ناھىيەسى ، ئائومورى كېن ناھىيەسى ، فۇكۇشىما ناھىيەلىرىدە يەر تەۋرەش سېزىمى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئوخشاش بىر دېڭىز تەۋەلىكىدە يەنە تۆت قېتىم 5.2 بالدىن 6.3 بالىغىچە قالدۇق يەر تەۋرىگەن .
يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ۋازارىتى ئائومورى كېن ناھىيەسىنىڭ تىنچ ئوكيان ساھىلىدا دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى تارقىتىپ ، ئاھالىلەرنى دېڭىز ۋە دەريا بويى ئەتراپىدىكى رايونلارغا يېقىنلاشماسلىقنى تەۋسىيە قىلغان . ئۇنىڭدىن باشقا ، مېتېئورولوگىيە ۋازارىتى ئىۋاتې ناھىيەسىدىكى چوڭ پاراخوت كېچىكى ، مىياگى ناھىيەسىنىڭ ئىشىنوماكى شەھىرى ۋە ئىۋاتې ناھىيەسىدىكى كامائىشى پورتىدا 60 سانتىمېتىر ، 50 سانتىمېتىر ۋە 40 سانتىمېتىر ئېگىزلىكتىكى دېڭىز تاشقىنىنى بايقىغان .
يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن ياپونىيە ھۆكۈمىتى ، باش ۋەزىر سارىيى كرىزىس باشقۇرۇش مەركىزىدە ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى تەسىس قىلىپ ، ئۇچۇرلارنى توپلاشقا مەسئۇل قىلغان . ياپونىيە ساقچى ۋازارىتىنىڭ ئېيتىشىچە ، ھازىرغا قەدەر ئادەم ئۆلۈش – يارىلىنىش توغرىسىدا مەلۇمات يوقكەن .
ياپونىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن ، شىرويشى زائودىن ئائومورىنىڭ شەرقىي شىمالىغىچە بولغان يېڭى غول لىنىيەدە قاتناش ۋاقتىنچە توختىتىلغان ، مىياگى ناھىيەسىنىڭ ئوناگاۋا يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ، فۇكۇشىما ناھىيەسىنىڭ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا توك بىلەن تەمىنلەش نورمال بولغان ، ئائومورى ناھىيەسىنىڭ يادرو يېقىلغۇلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىمۇ تەسىرگە ئۇچرىمىغان .
شىرويشى زائودىن ئائومورىنىڭ شەرقىي شىمالىغىچە بولغان يېڭى غول لىنىيەدە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن قاتناش ۋاقتىنچە توختىتىلغان