ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

قىممىتى ئاشىدىغان نىمكەش ئۆيلەرنى قانداق تاللاش كېرەك

2011-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    يىل ئاخىرى نىمكەش ئۆي بازىرىنىڭ ئاۋات مەزگىلى ھېسابلىنىدۇ. ئۆي – زېمىن بازىرىدا دۆلەت ئۆي – زېمىن بازىرىغا ئائىت يېڭى سىياسەت چىقىرامدۇ – يوق؟ ئۆي باھاسى يەنە قانچىلىك ئۆسىدۇ؟ دېگەندەك ئېنىقسىز ئامىللار مەۋجۇت بولغانلىقتىن، ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆينىڭ باھاسى پۇختا ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، پاي چېكى بازىرىغا ئوخشاش ھېچكىم قايسى ۋاقىت باھانىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغان ياخشى پەيتى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، بولۇپمۇ ئۆي سېتىۋېلىشقا ئالدىرايدىغان ئاھالىلەرگە بۇ تېخىمۇ قاراڭغۇ، شۇڭا ھازىرقى تەڭشەش مەزگىلىدە قىممىتى ئېشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان نىمكەش ئۆي سېتىۋېلىش ئاقىلانە تاللاشتۇر.

    قىممىتى ئاشىدىغان نىمكەش ئۆيلەرنى قانداق تاللاش كېرەك؟ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۆي – جاي سېتىش ساھەسىدە كۆپ يىل خىزمەت قىلغان بىر قانچە كەسىپ ئەھلى بۇ ھەقتە مەخسۇس زىيارەت قىلىندى.

    سېلىنغىنىغا بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ئۆيلەرنى تاللاش كېرەك

    ئادەتتە ئۆيلەرنىڭ سېلىنغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، قىممىتىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى شۇنچە كىچىك بولىدۇ. شىنجاڭ ‹‹24 سائەت›› ئۆي – زېمىن ۋاسىتىچىلىك چەكلىك شىركىتى بازار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: سېلىنغىنىغا ئون يىلدىن ئاشقان ئۆيلەرنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىش مۇمكىنچىلىكى چوڭ ئەمەس، مەلۇم تاۋارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىشلىتىلگەن ۋاقتى ئون يىلدىن ئاشسا، شۇ تاۋارنىڭ ئىقتىدارى بەلگىلىك تەسىرگە ئۇچرايدۇ، خۇددى 100 كىلومېتىر مۇساپە باسقان ئاپتوموبىل بىراك قىلىنغىنىغا ئوخشاش، ئون يىل ئولتۇرۇلغان ئۆينىڭ بېتونلىرىنىڭ سۈپىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىلگىرى سېلىنغان بىنالارنىڭ سۈپىتى ۋە تېخنولوگىيەسىمۇ ھازىرقى بىنالارغا يەتمەيدۇ.

    بۇ مەسئۇل مۇنداق دېدى: شۇنداق بولغاچقا، ئاھالىلەرنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى يار بەرسە، سېلىنغىنىغا بەش يىلدىن ئون يىلغىچە بولغان ئۆيلەرنى تاللىغىنى ياخشىراق، چۈنكى بۇنداق ئۆيلەرنىڭ بەش يىللىق مۆھلىتى توشقانلىقتىن، يۇقىرى سومممىلىق سودا بېجىنى تاپشۇرۇش ھاجەتسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئۆيلەر بىر قەدەر يېڭى بولۇپ، ئاساسەن بېزەلگەن بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا، بىر نەچچە ئايغا سوزۇلغان ئۆي بېزەش ئاۋارىچىلىقىدىنمۇ قۇتۇلىدۇ.

    ‹‹تېما›› لىق ئۆيلەرنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى چوڭ بولىدۇ

    ئۈرۈمچى شەھىرىدە ‹‹تېما›› لىق ئۆيلەر جايلاشقان ئورنى ياخشى، قۇرۇلمىسى، كۈنگەيلىكى، يانداشما ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى، نۇقتىلىق ئولتۇراقلىشىش مەركىزى، سۈنئىي كۆل، ئېكولوگىيەلىك باغچە يېنىدا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسىلەن، ‹‹شىندا. يامالىق تېغى يېڭى ماكان 1000 مولۇق گېرمانچە ئۇسلۇپتىكى كىچىك بازار›› مەھەللىسىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى ئەۋزەل، يانداشما ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل، مەھەللىدە كۆلىمى 70 نەچچە مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان سۇ ئۈستى مەنزىرە باغچىسى بولۇپ، دېرىزىنى ئېچىپلا گۈزەل مەنزىرىنى ھوزۇرلانغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئۆيلەرنىڭ قىممىتى ھەقىقەتەن ئاشىدۇ. ‹‹پەنلۇڭ›› تاغلىق كەنتى باغچىلاشقان ئېكولوگىيەلىك مەھەللىسى بولۇپ، مەنزىرە قىممىتى، ساغلاملىق قىممىتى، قىممىتى ئېشىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئويلاشقاندىمۇ يامان ئەمەس تاللاش ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، نىمكەش ئۆي سېتىۋالغاندا، بۇ ھالقىلىق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇش ئىتايىن مۇھىم.

    ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆينىڭ قۇرۇلمىسى ۋە كۈنگەيلىكىمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ھازىر سېتىلماقچى بولغان نىمكەش ئۆيلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ جايلاشقان ئورنى ياخشى بولۇپ، قۇرۇلمىسىمۇ، كۈنگەيلىكى جەھەتتە شۇ مەھەللىدىكى ياخشى ئۆيلەر ھېسابلىنىدۇ، شۇنداق بولغاچقا، باھاسى يېڭى سېلىنغان ئۆيلەردىن ئۆرە بولىدۇ، ‹‹تاغدەك ئالتۇنغىمۇ كۆڭۈل ئازادىلىكى سېتىۋالغىلى بولمايدۇ›› دېگەندەك، بۇنداق جايلاشقان ئورنى، سۈپىتى ياخشى ئۆيلەرنى قىممەت بولسىمۇ سېتىۋېلىشقا ئەرزىيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق ئۆيلەرنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن يۇقىرى.

    ئىجارە ھەققىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىگە قاراش كېرەك

    ‹‹شىنتيەنرۈن›› خەلقئارا مەھەللىسى بازارا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىر ئۆينىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىش – ئاشماسلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتا، ئىجارە ھەققىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىگە قاراش كېرەك، ئىجارىسى يۇقىرى بولسا، بۇنداق ئۆيلەرنىڭ قىممىتىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى يۇقىرى بولىدۇ، بازارمۇ قوبۇل قىلىدۇ.

    ئىگىلىنىشىمچە، ‹‹قىزىل ئۆكتەبىر››، ‹‹لەنتياۋ يىپىن››، ‹‹يېشىللىق شەھەر››، ‹‹خېفېڭ ياجۈ›› قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك مەھەللىلەردىكى 500 مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى ئۈچ ھوجرىلىق، ئىككى مېھمانخانىلىق بىر يۈرۈش ئۆينىڭ ئىجارە ھەققى 18 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن، يىللىق ئىجارىدىن كېلىدىغان پايدا %5 ئەتراپىدا بولىدىكەن. كېيىن ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلگەن تەقدىرمۇ، بۇنداق ئۆيلەرنىڭ سېتىلماسلىقىدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئۆينىڭ ئىجارىسى ئارقىلىق يەنە بىر ئۆينىمۇ ‹‹بېقىپ›› كەتكىلى بولىدىكەن.

(دېڭ خۇالى)

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!