ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>باشقا>

ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشتا نوپۇس ۋە قاتناش ئامىللىرىنى ئويلىشىش زۆرۈر

2011-يىلى03-ئاينىڭ11-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    ئۇششاق تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار نوپۇس بىر قەدەر زىچ ۋە قاتنىشى قولايلىق جايلارنى تاللىشى كېرەك. نوپۇس زىچ جايلار ئادەتتە ماگىزىن كۆپ، نوپۇس مەركەزلەشكەن، كىشىلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۆتكەن - كۆچكەنلەر بىرقەدەر كۆپ جايلارنى كۆرسىتىدۇ.

    نۇرغۇن كىشىلەر ماگىزىن كۆپ جايلاردا پۇل تاپماق تەس دېيىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ماگىزىن كۆپ بولسا، تېخىمۇ كۆپ خېرىدارنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. بۇنداق ئاۋات جايدىن كىچىككىنە ئورۇن تېپىلسا، خېلى كۆپ پۇل تاپقىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۇششاق تىجارەتچىلەر مۇشۇنداق جايلارغا يۈرۈش قىلىشى كېرەك.

    قاتناش قولايلىق جايلارغا بارىدىغان - كېلىدىغانلارمۇ كۆپ بولىدۇ، خېرىدارلارنىڭ بېرىش - كېلىشى ئاسان بولىدۇ، شۇڭا خېرىدارلار قاتنىشى قولايلىق جايلارغا بېرىپ مال سېتىۋېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ.

سەيدىن سەيدەخمەت تەرجىمىسى

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!