جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 8-مارت خەۋىرى:ش ئا ئە ت تەرەپ ئالدىن سىگنال بېرىش ۋە كونترول قىلىش سېستىمىسى بولغان ئايروپىلانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رادارلىق ئىز قوغلاش سېستىمىسى ئارقىلىق لىۋىيە چېگرىسى ئىچىنى پۈتۈن كۈن كۆزىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ش ئا ئە ت دە تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ئىۋو داللېرد (Ivo Daalder) ئاخبارات يىغىنىد:« نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈن ئىز قوغلاشنى قارار قىلدۇق. ئۇ چاغدا، بىز لىۋىيەدە يۈز بەرگەن ئىشلانىڭ ئەڭ ياخشى سۈرەتلىرىگە ئىگە بولىمىز » دېگەن.
2-ئاينىڭ 15-كۈنى، لىۋىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى ھەركەتلەر يۈز بەرگەندىن بۇيان، ھاكىمىيەت يۈرگۈزگىلى 42 يىل بولغان قازافىنى تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلدى. لىۋىيە دائىرلىرى ئۆكتۈچىلەرنى قاتتىق باستۇردى، خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ مۆلچەرلىشىچە ھازىرغا قەدەر 6000 ئادەم ئۇرۇشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى 8-مارت خەۋەر قىلىشىچە، لىۋىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى كۇسا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ توپىلاڭچىلار بىلەن مەخپىي ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلىكىنى ھەمدە « لىۋىيەنى پارچىلاپ تاشلاش سۈيقەستى » دە بولغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. ئۇ تىرىپولىدا:« ناھايىتى ئېنىقكى، فرانسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا ھازىر لىۋىيەنىڭ شەرقىدىكى توپىلاڭچىلار بىلەن ئۇچراشتى. بۇ ئۇلارنىڭ لىۋىيەنى پارچىلاش سۈيقەستىدە بولىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ » دېگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!