ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

مېكسىكا تاماۋلىپاس ئىشتاتىدا قوراللىق ئېتىشىش يۈز بېرىپ 18 ئادەم قازا قىلدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
شىنخۇا تورى مېكسىكا شەھىرى 7 ــ مارت تېلېگراممىسى : مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاماۋلىپاس ئىشتاتىدا 7 ــ مارت قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 18 ئادەم قازا قىلغان . تاماۋلىپاس ئىشتاتى ئاممىۋى بىخەتەرلىك مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرىشى
  

 

   شىنخۇا تورى مېكسىكا شەھىرى 7 ــ مارت تېلېگراممىسى : مېكسىكىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاماۋلىپاس ئىشتاتىدا 7 ــ مارت قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 18 ئادەم قازا قىلغان .

    تاماۋلىپاس ئىشتاتى ئاممىۋى بىخەتەرلىك مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ تونۇشتۇرىشىچە ، بۇ ئىشتاتنىڭ ئاۋاسالو شەھىرىدە 7 ــ مارت قاش قارايغان چاغدا قوراللىق ئېتىشىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن . ساقچى تەرەپ :  ئىككى ئۆز ئارا قارمۇ ــ قارشى قوراللىق گورۇھنىڭ كونترول ھوقۇق تالىشىپ ئۆز ئارا ئېتىشقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان . نۆۋەتتە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلانمىغان ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سالاھىيىتى ئېنىق بېكىتىلمىگەن .

    فېدراتسىيە ئەمەلدارى ۋە بۇ ئىشتاتتىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بېرىپ ئاممنى تارقاقلاشتۇرغان ھەمدە كەسكىن ۋەزىيەتنى پەسەيتكەن . تاماۋلىپاس ئىشتاتلىق ھۆكۈمەت : ھۆكۈمەت باش كاتىپىنىڭ بۇ ئىشتاتقا قاراشلىق ھەر قايسى شەھەرلەرنىڭ باشلىقلىرى ياكى فېدراتسىيە تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ ، بۇ ئىش توغرۇلۇق تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى تەلەپ قىلغان . 

    تاماۋلىپاس ئىشتاتى مېكسىكا چېگرىسى تەرەپكە جايلاشقان بولۇپ ، مېكسىكىدىكى قانۇنسىز قوراللىق ھەرىكەتلەر بىر قەدەر كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارنىڭ بىرى . نەچچە ئايدىن بۇيان ، تاماۋلىپاس ئىشتاتى تەۋەسىدىكى قانۇنسىز گورۇھلار ھوقۇق تالىشىپ نەچچە قېتىم توقۇنۇشقان ، ئۇنىڭدىن باشقا ، زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغانلارنى تۇتىدىغان مېكسىكا ھەربىي تەرەپ بىلەن نەچچە قېتىم قوراللىق ئېتىشقان .

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!