ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

قازافى 72 سائەت ئىچىدە تەختتىن چۈشسە جىنايى ئىشلار شىكايىتى قىلىنمايدۇ

2011-يىلى03-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:ئوكيان تورى يوللىغۇچى:
  قازافى 72 سائەت ئىچىدە تەختتىن چۈشسە جىنايى ئىشلار شىكايىتى قىلىنمايدۇقازافى 72 سائەت ئىچىدە تەختتىن چۈشسە جىنايى ئىشلار شىكايىتى قىلىنمايدۇ
جۇڭگو يەر شارى تورىنىڭ 8-مارت خەۋىرى: فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى قۇرغان مەملىكەتلىك كومىتىتىنىڭ مەسئولى 8-مارت بىلدۈرىشىچە، ئەگەر قازافى كەلگۈسى 72 سائەت ئىچىدە تەختتىن چۈشسە ھەمدە بومباردىمان قىلىشنى توختىتىپ لىۋىيەدىن كەتسە،توپىلاڭچىلار قازافىنىڭ جىنايىتىنى سۈرۈشتە قىلمايدىكەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، قازافى ۋەكىل ئەۋەتىپ سۆھبەتلىشىشنى ئوتتۇرىغا قويغان قويمىغانلىقىنى سورىغاندا، لىۋىيەنىڭ سابىق ئەدىلىيە مىنىستىرى، ھازىرقى لىۋىيە مەملىكەتلىك كومىتىتنىڭ رەئىسى مۇستافا جەلىل (Mustafa Abdel Jalil) جاۋاب بېرىپ، قازافى ھېچقانداق ۋەكىل ئەۋەتمىدى، ئەمما پايتەخت تىرىپولىدىكى بىر قىسىم ئاكىتىپ ئاۋدوكاتلار ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە كېلىشتۈرگۈچى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى دېگەن. ئۇ تولۇقلاپ:« بىز ئەلۋەتتە قانلىق توقۇنۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايمىز، ئەمما ئالدى بىلەن قازافى چوقۇم ئىستىپا بېرىپ لىۋىيەدىن كېتىشى كېرەك، ئاندىن بىز ئۇنىڭغا قارىتىلغان جىنايى ئىشلار شىكايىتى قىلمايمىز » دېگەن.
قازافى ئۆكتىچىلەرگە شەرت بىلەن ئىستىپا بېرىش ھەققىدە توپىلاڭچىلار بىلەن سۆھبەتلەشتى دېگەن خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن، لىۋىيە قازافى ھۆكۈمىتى 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆكتىچىلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە بۇنىڭغا ئالاقىدار خەۋەرلەرنى «ئەخلەت» دېگەن. لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئەمەلدارى شۇ كۈنى:« بۇ ھەقىقەت ئۆسەك سۆز بولىدى. بۇ خىل قاراشلار كىشىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدۇ » دېگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!