
ئۆز مۇخبىرىمىز ئارىسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى : 2010–يىللىق كۈزلۈك ئاپتونوم رايونلوق ئالىي ۋە ئوتتۇرا–تېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئۈلگىلىك ئىش ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكى 12–ئۆكتەبىر ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ، شىنجاڭ مالىيە–ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ، شىنجاڭ يېنىك سانائەت تېخنىكا ئىنىستىتوتى ، شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق مەكتەپلەردە دوكلات بەردى .
دوكلات يىغىنىدا ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك باي ناھىيەسى روشەن بۇلاق يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىكى ئىلىيار ئىبراھىم ، شىنجاڭ ئوۋلەن مەدەنىيەت تەرەققىيات شىركىتىدىكى لى كې قاتارلىق 10 نەپەر ئۈلگىلىك شەخىس ئۆزلىرىنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن جاپالىق ئىگىلىك تىكلەش ، ئاساسىي قاتلامدا خىزمەتكە ئورۇنلىشىش جەريانىدىكى كەچەرمۈشلىرىنى ۋە تۇرمۇشتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى سۆزلەپ ، ھەرقايسى مەكتەپلەردىكى ئىستۇدېنتلارغا مەدەت بەردى.
شىنجاڭ كەسپىي ئۇنىۋېرسىتېتى كومپىيوتېر ئۇچۇر–تېخنىكا ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى نۇسرەت ئابلىمىت دوكلات يىغىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھاياجانلىنىپ مۇنداق دېدى : مەن بۇ يىل ئۈچىنچى يىللىققا چىقتىم ، كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىم بار ، بىراق ئىشنى قانداق باشلاشنى بىلەيتىم ، دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىشنى قەيەردىن قانداق باشلاشنى بىلىۋالدىم .
مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئالىي ۋە ئوتتۇرا–تېخنىكوم مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەتكە ئورۇنلىشىش ، ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بولۈپ ، قوللاپ كەلدى . ئىگىلىنىشچە ، بۇ دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىلەر ئىككى گۇرۇپپىغان بۆلۈنۈپ ، ئايرىم–ئايرىم ھالدا جەنۇبىي شىنجاڭ ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى 9 ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردىكى 38 ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلەردە دوكلات بېرىدىكەن ۋە ئىستۇدېنتلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن .


