ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>شىنجاڭ>

ئالىي ۋە ئوتتۇرا–تېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئۈلگىلىك ئىش ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكى كورلىغا كەلدى

2010-يىلى10-ئاينىڭ15-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
  دوكلات يىغىنى   دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر        ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى : 14–ئۆكتەبىر ، 2010–يىللىق كۈزلۈك ئاپتونوم رايونلوق ئالىي ۋە ئوتتۇرا–تېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئۈل
  

 

دوكلات يىغىنى

 
دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر
 

     ئۆز مۇخبىرىمىز ئارسلان كامىل خەۋىرى ، فوتوسى : 14–ئۆكتەبىر ، 2010–يىللىق كۈزلۈك ئاپتونوم رايونلوق ئالىي ۋە ئوتتۇرا–تېخنىكوم مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەشتىكى ئۈلگىلىك ئىش ئىزلىرىدىن سەييارە دوكلات بېرىش ئۆمىكىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسى نەشپۈت يۇرتى كورلا شەھىرى يېتىپ كەلدى ، شۇ كۈنى كەچتە ، دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى زالىدا ئوقۇغۇچىلارغا دوكلات بەردى .

دوكلات ئاڭلاۋاتقان ئوقۇغۇچىلار

    بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى ئېلېكترون فاكۇلتېتىنىڭ ئىككىنچى يىللىق ئوقۇغۇچىسى نۇربىيە قەيسەر بۈگۈن ناھايىتى خۇشال بولدى ، مەكتەپ رەھبەرلىكى ئۇنىڭغا ئۇلارنىڭ سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ، ئىشقا ئورۇنلىشالماي قېلىشتىن غەم يېمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى . ئۇ دوكلات ئاياغلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : مەكتەپكە كەلگەن بىر يىلدىن بۇيان ، مەن ئۆز كەسپىمگە دائىر نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگەندىم . جيۇ جوۋتۇڭ دورىگەرلىكى ، يەنە ھەر قايسى نېفىت ئىدارىلىرىغا بېرىپ ئىشلىسەك ، ئۇلار بىزنى قوبۇل قىلىدىكەن ، ئەتراپىمىزدىكى ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئاكا–ھەدىلىرىمىزنىڭ خىزمەت ئورنى تاپقانلىقىنى كۆرۈپ ، ئۇلارغا ناھايىتى ھەۋىسىم كەلدى ، مېنىڭچە ، بىز تىرىشىپ ئۆگەنسەكلا ، كۆڭلىمىزگە پۈككەن ئارزۇ–ئارمانلىرىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلساقلا بولىدىكەن .

دوكلات بېرىش ئۆمىكىدىكىلەر ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەتتە 

    ئىگىلىنىشىچە ، بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى  ‹‹ ئاپتونوم رايون ، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىنى يولغا قويۇش پىكىرى توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش ›› نىڭ روھىغا ئاساسەن ، ئىنىستىتۇتنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ ، بۇ يىلنى ‹‹ يۇقىرى مائاشلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يىلى ›› قىلىپ بېكىتكەن ، ھەمدە ‹‹ ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى يۇقىرى مائاشلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ›› تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئۈچ دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا رەھبەرلىك قىلىش خىزمىتى گۇرۇپپىسى تەسىس قىلغان ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى ۋە ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىدە يولۇققان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان .

    كومپيۇتېر فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى جۇڭ خاۋ دوكلات ئاياغلاشقاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ دوكلاتىنى ئاڭلاپ ۋە سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ، مەن نۇرغۇن تەسىراتقا ئىگە بولدۇم ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ، كېيىنكى ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىمغا ئاز–تولا تەجرىبە توپلىۋالدىم ، دوكلاتنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ، بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەكتىپىمىزنىڭ سىياسەتلىرىنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرگەندە ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خىزمەت تاپالماي قېلىشتىن بەك ئەنسىرەپ كەتمىسەكمۇ بولىدىغان بولدى .

    بايىنغولىن كەسپىي تېخنىكا ئىنىستىتۇتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ يۈنخۇي مۇنداق دېدى: بىز ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمىز ، بىرىنچى يىلىلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ۋە تۇرمۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش دەرسى تەسىس قىلدۇق ، ئىككىنچى يىللىقتا ئىگىلىك تىكلەش بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەش دەرسى تەسىس قىلدۇق ، بۇ دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ھەقسىز تەسىس قىلىنغان ، ئۈچىنچى يىللىقتا ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق . شۇڭا ئوقۇغۇچىلار ئۈچىنچى يىللىقتىكى پىراكتىكا مەزگىلىدىلا ئۆزلىرىگە ماس كېلىدىغان خىزمەت ئىش تاپالايدۇ . بىز يەنە ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچەپ ، ئۇلارنىڭ ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ئالاقە ئېلىپ بېرىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردۇق . ئۇلارنى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپنى پىششىق ئۆگىنىشىگە ، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بەردۇق . مەسىلەن ، بۇ قېتىمقى خېبېينىڭ ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتى جەريانىدا ، بىز 30 نەپەر ئوقۇغۇچىنى خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىگە ئۆگىنىشكە ۋە تەربىيەلىنىشكە ئەۋەتتۇق .

( مۇھەررىر : ئالىمجان )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر