ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>مەملىكەت>

جۇڭگو سارىيى نېمىشقا مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى؟

2010-يىلى11-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئىدارىسى ‹‹جۇڭگو سارىيى نېمە سەۋەبتىن مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى›› دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بەردى ماتېرىيال سۈرەت: دۇنيا يەرمەنكىسى جۇڭگو سارىيى    شىنخۇا تورى ، شاڭخەي ، 1–نويابىر تېلېگراممىسى : شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى داغدۇغا بىلەن غ
  

شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئىدارىسى ‹‹جۇڭگو سارىيى نېمە سەۋەبتىن مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىدى›› دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بەردى

ماتېرىيال سۈرەت: دۇنيا يەرمەنكىسى جۇڭگو سارىيى

   شىنخۇا تورى ، شاڭخەي ، 1–نويابىر تېلېگراممىسى : شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى داغدۇغا بىلەن غەلىبىلىك ئاياغلاشتى . بىراق ، 34 ‹‹دۇنيا يەرمەنكىسى مۇكاپاتى›› غا ئېرىشكۈچىلەر ئىچىدە نېمىشقا جۇڭگو سارىيى يوق ؟ 73 مىليون 80 مىڭ (ئادەم /قېتىم) ئېكىسكۇرسىيەچى خىزمەتچى خادىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ–يوق ؟ دۇنيا يەرمەنكىسىدە جەمئىي قانچە تامغا بارلىققا كەلدى ؟ مانا مۇشۇنداق سوئال ۋە ھەيرانلىقلارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى 1 –نويابىر شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ئىدارىسىدە زىيارەتتە بولدى.

   شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئىلگىرىكى دۇنيا يەرمەنكىلىرىنىڭ رەسىم– قائىدىسى ۋە شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى پەقەت چەت ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلىرى ، كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەت ۋە ھۆكۈمەتلەر ئارىسىدىكى خەلقئارا تەشكىلاتلارغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بارغان بولۇپ ، باھالاش ئىشلىرىغا خەلقئارا كۆرگەزمە ئىدارىسىنىڭ باش يېتەكچىلىكىدىكى باھالاش كومىتېتى مەسئۇل بولغان . باھالاش ئوبيېكتلىرى چەت ئەللەرنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن كۆرگەزمىگە قاتناشقۇچىلىرى بولغاچقا، جۇڭگو سارىيى، 18 كارخانا سارىيى ۋە نەچچە ئون ‹‹ شەھەر ئەڭ ياخشى ئەمەلىيەت رايونى›› نىڭ ئۆرنەك سارىيى بىردەك باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەن . بۇ جۇڭگو سارىيىنىڭ باھالىنالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئىكەن.

   73 مىليون 80 مىڭ (ئادەم / قېتىم) ئېكىسكۇرسىيەچى خىزمەتچى خادىملارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ -يوق؟ دېگەن سوئالغا قارىتا ، شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى ئىدارىسى بېلەت ئىشلىرى مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خىزمەتچى خادىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ .

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە ، 73 مىليون 80 مىڭ (ئادەم / قېتىم) ئېكىسكۇرسىيەچى ئاساسلىقى ئىككى تۈردىكى كىشىلەردىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، بىر خىلى بېلەت ئېلىپ باغچا رايونىغا كىرگەنلەر، يەنە بىر خىلى بوي ئېگىزلىكى 1.2 مېتىردىن تۆۋەن (1.2 مېتىرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولغان بېلەتسىز بالىلار ئىكەن . خىزمەتچى خادىملار گۇۋاھنامە بىلەن مەخسۇس يول ئارقىلىق باغچا رايونىغا كىرىدىغان بولغاچقا، ئېكىسكۇرسىيەچىلەر ئومۇمىي سانى ئىچىگە ئىستاتىستىكىلاپ كىرگۈزۈلمىگەن.

   شاڭخەي دۇنيا يەرمەنكىسى كىرىش بېلىتىگە مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئۆزەك تېخنىكىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسى نىسبەتەن توغرا بولغان ؛ بېلەتسىز بالىلار بولسا، ئاساسەن نەق مەيداندا ئىستاتىستىكىلانغان.

   دۇنيا يەرمەنكىسىنىڭ ئىنتايىن قىزىق نۇقتىسىغا ئايلانغان تۈرلۈك تامغىلارنىڭ سانى توغرىسىدا بۈگۈنگىچە تېخى نوپۇزلۇق ئىستاتىستىكا يوق . دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىنىشىچە ، مۇئەييەن ساقلاش قىممىتىگە ئىگە تامغىلار تەخمىنەن 500 دانە ئەتراپىدا ئىكەن . تۈرگە ئايرىغاندا ، كۆرگەزمە ساراي تامغىلىرى ، بايرام ، خاتىرە كۈن تامغىلىرى ، ئالاھىدە تامغا قاتارلىقلار بار ئىكەن . كۆرگەزمە ساراي تامغىلىرى ئىچىدە ، بەزى سارايلارنىڭ بىر نەچچە تامغىسى بار ئىكەن، مەسىلەن: تۈركىيە سارىيىنىڭ ئالتە دانە تامغىسى بار بولۇپ، ھەر ئايدا بىرى سوقۇلغان؛ جۇڭگو، سىنگاپورلارنىڭ ئۈچتىن تامغىسى بار ئىكەن؛ تايلاند، ئاۋستىرالىيە قاتارلىقلارنىڭ ئىككىدىن تامغىسى بار ئىكەن. ئايرىم سارايلارنىڭ تامغىسى يوق ئىكەن.

   بايرام ، خاتىرە كۈن تامغىلىرى ئىچىدە ، 1–ماي يەرمەنكە باغچىسى ئېچىلغانلىقىنى خاتىرىلەش تامغىسى، بالىلار بايرىمى تامغىسى، 7–ئىيۇل تامغىسىدىن بىر قانچىسى ، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى تامغىسى، 1–ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمى تامغىسى، ئانىلار بايرىمى تامغىسى ، تاڭزۇڭزا چاغىنى تامغىسى، ياشانغانلار بايرىمى تامغىسى قاتارلىقلار بار ئىكەن.

   ئالاھىدە تامغىلار ئىچىدە ، ئىسپانىيە سارىيىنىڭ ‹‹تېرىق بالا›› تامغىسى پەقەت ئىسپانىيە پۇتبول كوماندىسى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپيون بولغاندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتىدىلا سوقۇلۇپ تارقىتىلغان؛ دانىيەنىڭ كىچىك ‹‹ساھىبجامال بېلىق›› تامغىسى پەقەت كىچىك ساھىبجامال بېلىقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغان شۇ كۈنىلا سوقۇلغان؛ سەككىز ئاياغ پاۋلو تامغىسىنى خەلقئارا ئۇچۇر–ئالاقە سارىيى تارقاتقان.

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!