ئوفىتسېر–ئەسكەرلەر خىزمەتتە
شىنخۇا تورى ، خۇخوت 3–نويابىر تېلېگراممىسى : قوراللىق ساقچى مەلۇم قىسىم 1–باش ئەترىتىنىڭ 2–تارماق ئەترىتى يېقىندا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى خادامېن جىلغىسىدىن چوڭ تىپتىكى بىر ئالتۇن كاننى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان . مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىسپاتلىشىچە ، بۇ ئالتۇن كاندىكى ئالتۇن زاپىسى 100 توننىدىن ئاشىدىغان بولۇپ ، يوشۇرۇن ئىقتىسادىي قىممىتى 35 مىليارد يۈەندىن ئېىشىشى مۆلچەرلەنگەن .
خادامېن جىلغىسىدىكى ئالتۇن كان
قوراللىق ساقچى مەلۇم قىسىم 1–باش ئەترەت 2–تارماق ئەترىتىنىڭ باش ئىنژېنىرى خۇاڭ جىچۈەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، خادامېن ئالتۇن كانى دەسلەپكى قەدەمدە بايقالغاندىن كېيىن ، سېرىق ئالتۇن قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ يوليورۇقىغا ئاساسەن ، 2–تارماق ئەترەت بۇ ئورۇندا چوڭ كۆلەملىك ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ ، خادامېن جىلغىسىنى چوڭ كۆلەملىك ئالتۇن يىغىلغان ئادەتتىن تاشقىرى رايون قىلىپ بېكىتكەن . نۆۋەتتە ، جەمئىي يەتتە ئالتۇن كان ياتمىسى توپى ، 53 تارماق ئالتۇن كان ياتمىسى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان بولۇپ ، جەمئىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان سېرىق ئالتۇن بايلىق مىقدارى 100.5 توننىغا يەتكەن .
جۇڭگو گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل 10–ئايدا ئېلان قىلغان ‹‹ دۆلەت زېمىن بايلىقىنى تەكشۈرۈپ كان مەھسۇلاتى بايلىقىنى باھالاش نەتىجىسى›› دە كۆرسىتىلىشچە ، 1999–يىلى يېڭى بىر نۆۋەتلىك دۆلەت زېمىن–بايلىقىنى چوڭ تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ، جۇڭگودا ئالتۇن–كۈمۈش قاتارلىق قىممەت مېتاللار كانىدىن 250 ى بايقالغان بولۇپ ، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالتۇن كانىنىڭ بايلىق مىقدارى 1830 توننىغا يەتكەن .
دۇنيا سېرىق ئالتۇن كېڭىشى ئېلان قىلغان بۇ يىل 2–پەسىلدىكى ‹‹ سېرىق ئالتۇننىڭ ئېھتىياج يۈزلىنىشى دوكلاتى›› دىكى مۆلچەردە ، بۇ يىل ، دۇنيانىڭ سېرىق ئالتۇن ئېھتىياجى ئاشقان بولۇپ ، تەكشۈرۈلگەن سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە ، 2–پەسىلدە دۇنيانىڭ سېرىق ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا %36 ئېشىپ ، 1050 توننىغا يەتكەن .