
— شۇجى ئاكا ، يېڭى يىلىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
چاغاننىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەن ، ئالىمجان خالىق ئالاھىدە تەييارلىغان سوۋغىسىنى ئېلىپ ، ‹‹ شۇجى ئاكىسى ›› نىڭ ئۆيىگە پەتىلەپ كەلدى .
— ئالىمجان ، مېنىڭ قېرىندىشىم ، بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !
ئىككەيلەن قىزغىنلىق بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى .
— قايتىپ بېرىپ ئانىڭىز بىلەن كۆرۈشتىڭىزمۇ ؟ ئۇنىڭ سالامەتلىكى قانداقراقكەن ؟ – ، جاڭ چۈنشيەن سەمىمىيلىك بىلەن ئالىمجاننىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ ئەھۋال سورىدى .
جاڭ چۈنشيەن ئالىمجانغا مۇنداق دېدى : ‹‹ مەن خەۋەرلەردىن سىزنىڭ ھەمراھ تېپىشتىكى ئۆلچىمڭىزنى ئۇقتۇم ، سىز تاشقى قىياپەت مۇھىم ئەمەس ، كۆڭلى ياخشى بولسىلا بولدى ، دەپسىز . بۇ ناھايىتى مۇھىم ، چوقۇم ياخشى تاللاڭ ›› .
ئالىمجان قېرىندىشىنىڭ سۆزلىرىدىن بىرنېمىنى چۈشەنگەندەك مەمنۇنلۇق بىلەن بېشىنى لىڭشىتتى .

بۇلتۇر 28 – دېكابىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن ئالىمجان خالىقنىڭ بۇ ساخاۋەتلىك ئىش – ئىزلىرىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، توردا ئۇنى قوللاپ بىر بېلەت تاشلىدى ھەم مۇنداق تەستىق سالدى : قېرىندىشىمىز ئالىمجان ياردەم قىلغان 100 يۈەننى دەسمايە قىلىپ، سەككىز يىلدا 300 مىڭ زىق كاۋاپ سېتىپ تاپقان 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك پۇلنى جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشقا سەرپ قىلغان، بۇ ئىشتىن چوڭقۇر تەسىرلەندىم! ئۇ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بىر ئەزاسى، شۇنداقلا ياخشى ئوغلانى، ئىنىمىز ئالىمجانغا بىر ئاۋاز بېرىمەن.