رەئىس خۇ جىنتاۋ پۈتۈن ئارمىيەدىكى پېشقەدەم يولداشلارنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 24 – يانۋار تېلېگراممىسى: 24–يانۋار ، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملارنىڭ پېشقەدەم كادىرلىرىدىن ھال سوراش يۈزىسىدىن بېيجىڭدا باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئەدەبىيات–سەنئەت كونسېرتى ئۆتكۈزۈلدى . ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئويۇننى كۆردى ھەمدە كونسېرت كۆرگىلى كەلگەن پېشقەدەم ھەربىيلەر ، شۇنداقلا ئارمىيەدىن پېنسىيەگە چىققان بارلىق پېشقەدەم كادىرلارغا باھار بايرىمىلىق سالام يوللىدى ، كۆپچىلىكنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەپ ، سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلىدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭمۇ كونسېرتنى كۆردى .
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى گو بوشيۇڭ ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيورۇسىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شۈ سەيخو ۋە پېشقەدەم يولداشلاردىن جاڭ ۋەننيەن ، ساۋ گاڭچۇەنلەر، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزالىرىدىن لياڭ گۇاڭليې ، چېن بىڭدى ، لى جىنەي ، لياۋ شىلۇڭ ، چاڭ ۋەنچۈەن ، جىڭ جىيۈەن ، ۋۇ شىڭلى ، شۈ چىلياڭلار كونسېرتنى كۆردى.
باھار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئازادلىقى ئۈچۈن كۆرۈنەرلىك خىزمەت كۆرسەتكەن ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ، بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق پىشقەدەم ھەربىيلەر بىر يەرگە جەم بولدى . كۆپچىلىك ئادەتتىكىچە بولمىغان ‹‹11– بەش يىل›› جەريانىدا يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە ، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقلارنى بىرلىكتە يەڭگەنلىكىنى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشى ھەم ياخشى ھەم تېز راۋاجلىنىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتتى. ‹‹12 – بەش يىل›› غا قارىتا، كۆپچىلىك ئۈمىدكە تولغان ھالدا، بىردەك يولداش خۇ جىنتاۋ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئىستىراتېگىيەلىك پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى ئەسىردىكى يېڭى باسقۇچتىكى ئارمىيەمىزنىڭ تارىخىي بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلمىي تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشتى.