ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

تۇنىس سابىق پىرىزدېنت بىن ئەلىگە خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

2011-يىلى01-ئاينىڭ28-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
تۇنىس ھۆكۈمىتى سابىق پىرىزدېنت بىن ئەلىگە خەلقئارالىق تۇتۇش چىقارغان. سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ داۋاملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىغا نارازى بولغانلار داۋاملىق نامايىش قىلغان، كۆپلىگەن ئادەملەر قولغا ئېلىنغان. پايتەخت تۇنىس شەھىرىدە، كوچىلاردا يەنە توقۇنۇ
  

تۇنىس ھۆكۈمىتى سابىق پىرىزدېنت بىن ئەلىگە خەلقئارالىق تۇتۇش چىقارغان. سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ داۋاملىق ۋەزىپىگە ئولتۇرغانلىقىغا نارازى بولغانلار داۋاملىق نامايىش قىلغان، كۆپلىگەن ئادەملەر قولغا ئېلىنغان.
پايتەخت تۇنىس شەھىرىدە، كوچىلاردا يەنە توقۇنۇش يۈز بەرگەن، ساقچىلار ياش ئاققۇزۇش ئوقى ئېتىپ كىشىلەرنى تارقىتىۋەتمەكچى بولغان، ئەمما ئۈنۈمى بولمىغان، نامايىشچىلار ساقچىلارغا تاش ئېتىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلغان. سابىق پىرىزدېنت بىن ئەلىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ كېتىشى بىلەن، تۇنىس ئاممىسى سابىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتە داۋاملىق تۇرۇپ قېلىشىغا قارشى تۇرغان.
ئەمما ئاممىنىڭ تەلىپى قانائەتلەندۈرۈلمىگەن. 26-يانۋاردا، نامايىشچىلار يەنە باش مىنىستىر مەھكىمىسىگە بېرىپ نامايىش قىلغاندا ساقچىلار قوغلىغان، شۇنىڭ بىلەن توقۇنۇش كېلىپ چىققان. بەزى نامايىشچىلار يارىلانغان، يارىلانغانلارنى باشقا نامايىشچىلار نەق مەيداندىن ئېلىپ كەتكەن. بەزى نامايىشچىلار ساقچىلار قولىدىن ياش ئاققۇزۇش ئوقى ئاتىدىغان قورال، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش قالقىنى قاتارلىق قوراللارنى تارتىۋالغان.
ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىن ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى 6 ئادەمگە خەلقئارالىق تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان، بىن ئەلى قاتارلىق كىشىلەرنى دۆلەتنىڭ مال-مۈلكىنى ئوغرىلىدى دەپ ئەيىبلىگەن، ئۇلارنىڭ يەرلىكتىكى ۋە چەتئەللەردىكى قانۇنسىز ئېرىشكەن مال-مۈلكىنى سۈرۈشتۈرگەن. فرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىن ئەلىنىڭ ئايالى نۇرغۇن ئالتۇننى ئېلىپ چەتئەلگە قاچقان، ئەمما تۇنىس مەركىزىي بانكىسى ئىنكار قىلغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بىن ئەلى ۋە ئايالى، تۇققانلىرىنىڭ فرانسىيەدە ئىگىلىكى ۋە كۆپلىگەن ئاتلىرى بار ئىكەن، پارىژ تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!