مېكسىكىنىڭ داڭلىق ئارامگاھىدىكى بىر مېھمانخانىدا گاز پارتلاش يۈز بەردى
ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، مېكسىكا دائىرلىرى ، مېكسىكىنىڭ كارىب دېڭىز قىرغاق شەھىرى كانكۇندىكى بىر مېھمانخانىدا 14–نويابىر گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنى ، 5 كانادالىق ساياھەتچى ۋە 2 ئىشچىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىغان .
مېكسىكىنىڭ داڭلىق ئارامگاھىدىكى بىر مېھمانخانىدا گاز پارتلاش يۈز بەردى
بۇ پارتلاش ۋەقەسى كانكۇن شەھىرىدىكى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان داڭلىق ئارامـگاھ پلايا دېل كارمان (Playa del Carman) دىكى دېڭىز مەلىكىسى مېھمانخانىسىدا (Grand Riviera Princess) يۈز بەرگەن بولۇپ ، دېلو رازۋېتكا قىلغۇچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، پارتلاشتا 7 كانادالىق ، 2 ئامېرىكىلىق ۋە 8 مېكسىكىلىق يارىلانغان ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 2 كانادالىق ساياھەتچىنىڭ يارىسى بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن.
مېكسىكا دائىرلىرىنىڭ ئېيتىشىچە ، بۇ ۋەقە قانداقتۇر ھۇجۇمدىن بولماستىن ، گاز پارتلاپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن . كانادا ئەلچىخانىسى ھازىرچە كانادا پۇقرالىرىنىڭ قازا قىلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.