ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

شىمالىي كورىيەنىڭ يوشۇرۇن يادرو بازىسى بار

2011-يىلى02-ئاينىڭ02-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
ب د ت نىڭ بىر دوكلاتىدا ئاشكارلىنىشىچە، ب د ت مۇتەخەسىسلىرى شىمالىي كورىيە(چاۋشىيەن) نىڭ ئاز دېگەندە بىر جايدا يوشۇرۇن يادرو بازىسى بار دەپ قارايدىكەن. بۇ دوكلاتنى ب د ت مۇتەخەسسىسى 2010-يىلى 11-ئايدا شىمالىي كورىيەنىڭ مەخپىي يادرو ئەسلىھەسىنى زىيارەت قىل
  


ب د ت نىڭ بىر دوكلاتىدا ئاشكارلىنىشىچە، ب د ت مۇتەخەسىسلىرى شىمالىي كورىيە(چاۋشىيەن) نىڭ ئاز دېگەندە بىر جايدا يوشۇرۇن يادرو بازىسى بار دەپ قارايدىكەن.
بۇ دوكلاتنى ب د ت مۇتەخەسسىسى  2010-يىلى 11-ئايدا شىمالىي كورىيەنىڭ مەخپىي يادرو ئەسلىھەسىنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا ئالىمى Siegfried Hecker نىڭ سۆزىگە ئاساسەن يەكۈنلەپ چىققان.
دوكلاتتا ئامېرىكا ئالىمىنىڭ ب د ت مۇتەخەسسىسىگە مەن كۆرگەن مەركەزدىن قاچۇرغۇچلار باشقا يوشۇرۇن يادرو بازىسىدىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىن دېگەن سۆزى نەقىل قىلىنغان.
مەزكۇر دوكلات نەشىر قىلىنمىغان، ئالدىنقى ھەپتە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
شىمالىي كورىيە ئەمەلدارى خەككېرنى مەخپىي يادرو بازىسىنى زىيارەت قىلدۇرغان، ئۇ مىڭدىن ئارتۇق مەركەزدىن قاچۇرغۇچنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان.
2010-يىلى 11-ئايدا، شىمالىي كورىيە ئەمەلدارى سىتانفورت ئۇنۋېرسىتىدىن كەلگەن خەككېر ئەپەندىگە ئىقتىدارى تولۇق بولغان يوڭبىيان ئۇران قويۇلدۇرۇش زاۋۇتىنى كۆرسەتكەن

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!
بۈگۈنكى خەۋەرلەر