ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئىران يادرو سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشتى

2011-يىلى01-ئاينىڭ23-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
ئىران ۋە ب د ت نىڭ 5 دائىمىي دۆلىتى ۋە گېرمانىيە 22-يانۋار تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن يادرو سۆھبىتى ئاخىرلاشتى، ئەمەلىي نەتىجە ھاسىل قىلالمىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننى يادرو مەسىلىسىدە ئالدىن شەرت قويىۋالدى، قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز دەپ ئەيىبلىدى. ئىران خەلقئارا
  


ئىران ۋە ب د ت نىڭ 5 دائىمىي دۆلىتى ۋە گېرمانىيە 22-يانۋار تۈركىيەدە ئۆتكۈزگەن يادرو سۆھبىتى ئاخىرلاشتى، ئەمەلىي نەتىجە ھاسىل قىلالمىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننى يادرو مەسىلىسىدە ئالدىن شەرت قويىۋالدى، قوبۇل قىلىشقا ئامالسىز دەپ ئەيىبلىدى. ئىران خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى دەۋەت قىلدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى دېپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئول يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى 6 دۆلەتنىڭ ئىران يادرو سۆھبىتىدىكى مەيدانىدىن ئۈمۈدسىزلەنگەنلىكىنى، سۆھبەتتە ھېچقانداق كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىران ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ جازالاشنى بىكار قىلىشىنى ھەمدە ئىراننىڭ داۋاملىق ئۇران قويۇلدۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىنى قەتئىي تەلەپ قىلغان، 6 تەرەپنىڭ ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش ھوقوقى بارلىقىنى ئېتراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. كېلەركى نۆۋەتلىك سۆھبەت ۋاقتى بېكىتىلمىگەن، ئەمما سۆھبەت ئىشىكى يەنىلا ئوچۇق ئىكەن.
ئىران يادرو مەسىلىلىرى سۆھبەت ۋەكىلى جېلىلى( Jalili) رەددىيە بېرىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىش زۆرۈر، 6 دۆلەت ئالدى بىلەن شەرت قويىۋالدى دېگەن. ئۇ :« باشقا دۆلەتلەرنىڭ ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىش شەرت ئەمەس بەلكى زۆرۈر ئىش. ئۇلارنىڭ ئازراقمۇ ئاساسى يوق، بۇ سۆزلىشىش ئەمەس » دېگەن.
جېلىلى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن سۆزلىشىشنى يەنىلا خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ئىران يادرو تېخنىكىسىنىڭ تىنىچلىق ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىراننىڭ ئۇران قويۇلدۇرۇش ھوقوقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ ياۋروپانىڭ نۇرغۇن يادرو ئەسلىھەسى بار، ئىسرائىلىيەنىڭمۇ يادرو قورالى بار، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت ئۇلارنى سوراپ باقمايدۇ ياكى ھېچقانداق ھەركەت قوللانمىدى دەپ گۇمانىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!