5–يانۋار سىئولدا ئامېرىكىنىڭ چاۋشيەن مەسىلىلىرى ئالاھىدە ئەلچىسى ستېفېن بوسۋورت ( سولدا ) چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسى ئالتە تەرەپ سۆھبىتى كورىيە ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋېي شېڭلو ( ئوڭدا ) بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمەكتە ( ماتېرىيال سۈرەت ) جۇڭگو ئاخبارات تورى 9–فېۋرال تېلېگراممىسى : كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، كورىيە–چاۋشيەن ھەربىي ئىشلار خىزمىتى سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان چاۋشيەن ۋەكىللىرى تونۈگۈن ( 8–فېۋرال ) 15–فېۋرالنىڭ ئالدى–كەينىدە كورىيە–چاۋشيەن يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئىشلار سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش تەكلىپنى بەرگەن .
خەۋەر قىلىنىشىچە ، چاۋشيەن تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى بالدۇرراق باشلاشنى ئۈمىد قىلغاچقا ، تونۈگۈنكى خىزمەت سۆھبىتىدە 15 – فېۋرالنىڭ ئالدى – كەينىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش تەكلىپى بېرىلگەن .
مەلۇماتچىلارنىڭ ئېيتىشىچە ، كورىيە تەرەپ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاز دېگەندىمۇ ئىككى ھەپتە ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ، مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىنسىلا ، سۆھبەتنىڭ ئىككى ھەپتە كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن .
يەنە بىر مەلۇماتچىنىڭ ئاشكارلىشىچە ، كورىيە تەرەپ ۋەكىللىرى 8 – فېۋرالدىكى سۆھبەتتە ، كورىيە – چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولغان كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، ئىككى تەرەپنىڭ ‹‹ تيەنئەن ›› ناملىق پاراخوت ۋەقەسى ۋە يەنپىڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىگە ئارىلاشتۇرۇشىنى ، چاۋشيەن خەلق قوراللىق كۈچى مىنىستىرى ياكى خەلق ئارمىيەسى باش ئىشتاب باشلىقىنى سۆھبەتكە قاتنىشىشقا ئەۋەتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن .
بۇ مەلۇماتچىنىڭ يەنە ئېيتىشىچە ، چاۋشيەن ھازىرغا قەدەر ‹‹ تيەنئەن ›› ناملىق پاراخوت ۋەقەسىنى ئۆزلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارمىغانلىقىنى ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدە پەقەت ‹‹ تيەنئەن ›› ناملىق پاراخوت ۋەقەسى ۋە يەنپىڭ ئارىلىنى توپقا تۇتۇش مەسىلىسىگە قارىتا ئۆز مەيدانىنى شەرھىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن . يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئىشلار سۆھبىتىگە كەلسەك ، چاۋشيەن تەرەپ ھەربىي ئىشلاردىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ، كورىيە تەرەپ بولسا ، ئالدى بىلەن ‹‹ تيەنئەن ›› ناملىق پاراخوت ۋەقەسى ۋە يەنپىڭ ئارىلى مەسىلىنى ھەل قىلىشنى تەلەپ قىلغان . بۇ مەسىلىگە چاۋشيەن تەرەپ : ‹‹ ھەرگىز گۇمان قىلماڭلار ، بۇ مەسىلىلەر يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدە ھەل قىلىنىدۇ›› دەپ جاۋاپ بەرگەن .
چاۋشيەن تەرەپنىڭ بۇ قېتىمقى باياناتى ئۇنىڭ ئۇنىۋېرسال مەسىلىلەرنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر خىل سۆھبەت ئىستىراتېگىيەسىنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ .
كورىيە – چاشيەن ئىككى تەرەپ تونۈگۈنكى سۆھبەتكە ئۇلاپلا بۈگۈن ( 9 – فېۋرال ) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00 دا ، پانمۇنجومدىكى ‹‹ تىنچلىق ئائىلىسى ›› دە ھەربىي ئىشلار خىزمىتى سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىدە مۇھاكىمە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ، يىغىن قەرەلى ۋە سۆھبەتكە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ دەرىجىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كېڭىشىدىكەن .