ئېلىمىزنىڭ ئۇران بايلىقىدىن يەنە 3000 يىل پايدىلانغىلى بولىدۇ

تېخنىكىلىك بۆسۈشتىن ئىلگىرىكى ئاجىز يېقىلغۇنى زاپاس ساقلاش كۆلچىكى
ئېلىمىز ئالىملىرى يادرو تەتقىقاتىدا زور تېخنىكىلىق بۆسۈشنى قولغا كەلتۈردى ، يەنى—يادرو قۇۋۋىتى (ئېنېرگىيەسى) دۆۋىسى ئىچىدىكى كۆيدۈرۈلگەندىن كېيىنكى يادرو يېقىلغۇسىنىڭ ئۇران ، پىلۇتونىي قاتارلىق ماتېرىياللىرىنى يىغىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى . ئەگەر پىلۇتونىي ماتېرىيالىدىن ئېنېرگىيە دۆۋىسى ئىچىدە ئايلانما (تەكرار) پايدىلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولسا، بۇ ، ھازىر بار بولغان يادرو ئېنېرگىيە دائىرىسىدە ، ئېلىمىز ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان ئاران 50~70 يىل ئىشلەتكىلى بولىدىغان ئۇران بايلىقىنى 3000 يىل ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
بۇ تۈر تېخنىكىسىنىڭ كەسپىي ئاتالغۇسى ‹‹ ئېنېرگىيە دۆۋىسى \ ئاجىز يېقىلغۇ \ كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسى›› دۇر. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك تارقىتىشى، يادرو يېقىلغۇسىنىڭ يادرو رېئاكتورى (يادرو رېئاكسىيە قازىنى) دا پارچىلىنىش رېئاكسىيەسى يۈز بېرىپ پارچىلىنىپ، ئېنېرگىيە قويۇپ بېرىشى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىكەن. ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا توختىماي كۆمۈر قالاپ تۇرغانغا ئوخشاش، يادرو يېقىلغۇسىمۇ بەلگىلىك قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قالالمىغاندا، ئالماشتۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ئالماشتۇرۇلغان بۇ يادرو يېقىلغۇ بىرىكمىسى ئاجىز يېقىلغۇ دەپ ئاتىلىدىكەن. ئاممىباب تىل بويىچە ئېيتقاندا، ئاجىز يېقىلغۇ ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى ‹‹كۆمۈر داشقىلى›› غا ئوخشايدىكەن، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ‹‹داشقال›› بولماستىن، بەلكى ‹‹چوڭ گۆھەر›› ھېسابلىنىدىكەن.
ھازىرقى دۇنيانىڭ يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسىدا، يادرو يېقىلغۇلىرى ئاران %3 - %4 ئەتراپىدا كۆيىدىغان بولغاچقا، بەلگىلەنگەن قۇۋۋەتنى ساقلاپ قالغىلى بولمايۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ يادرو يېقىلغۇلىرى كۆيدۈرۈلۈش جەريانىدا، يەنە يېڭى يادرو يېقىلغۇلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ.
جۇڭگو يادرو گۇرۇھىنىڭ كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش ئارىلىقىدىكى سىناق قۇرۇلۇشىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ ۋاقىتتا بىز يادرو يېقىلغۇسىغا قارىتا كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، يەنى بىر قاتار خىمىيەلىك جەريان ئارقىلىق يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىكى كۆيۈپ بولالمىغان يادرو يېقىلغۇلىرىنى، ھەمدە يېڭىدىن ھاسىل بولغان يادرو يېقىلغۇلىرىنى ئايرىپ ئېلىپ، قايتىدىن يادرو ئېلېكتىرىدا كېرەكلىك بولغان يېقىلغۇ دېتاللىرىنى تەييارلايمىز.
ئايلانما (تەكرار) پايدىلىنىش پىرىنسىپى قارىماققا ئىنتايىن ئاددىيدەك بىلىنىدۇ، بىراق بۇنىڭ مەشغۇلاتى ئادەتتىن تاشقىرى قىيىن. قانداق قىلغاندا يادرو رادىياتسىيەسى ئالاھىدە كۈچلۈك، ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان بۇ ئېلېمېنت دېتاللىرىنى پارچىلاپ، ئايرىپ، ئاجرىتىپ، ساپلاشتۇرغىلى بولىدۇ؟ ھەر بىر قەدەم بىر قىيىن مەسىلە. ئېلىمىز ئالىملىرى 24 يىل تەتقىق قىلىش، قايتا - قايتا تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرى پۈتۈن يۈرۈشلۈك تېخنىكا سىستېمىسىنى بۆسۈپ ئۆتتى.
جۇڭگو يادرو گۇرۇھىنىڭ كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش ئارىلىقىدىكى سىناق قۇرۇلۇشىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋاڭ جيەن مۇنداق دېدى: بۇ پۈتۈنلەي ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ مۇستەقىل لايىھەسى، مۇستەقىل ياسىشى، مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئېچىشىغا تايانغان بىر ئەسلىھە.
جۇڭگو يادرو گۇرۇھىنىڭ كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش ئارىلىقىدىكى سىناق قۇرۇلۇشىنىڭ باش قوماندانى ۋاڭ جۈنفېڭ مۇنداق دېدى: بىز ئەڭ ئاخىرقى بۇ سىناقتا، لاياقەتلىك ئۇران مەھسۇلاتى ۋە پىلۇتونىي مەھسۇلاتىنى ياساپ تەييارلىدۇق، شۇڭا دېيەلەيمىزكى، بىز غەلىبە قىلدۇق.
جۇڭگو يادرو گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى سۇن چىن مۇنداق دېدى: يادرو يېقىلغۇسى سانائىتىدە، بىز يادرو يېقىلغۇسى ئايلىنىشىنى ھاسىل قىلالايدىغان ئىنتايىن ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى، شۇڭلاشقا، ئۇنىۋېرسال تېخنىكا سەۋىيەسى ۋە پەن - تېخنىكا سەۋىيەسىگە قارىتا، خەلقئارادا بىزنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىمىز بار بولىدۇ، ھەتتا بەلگىلىك يېتەكچىلىك رولىنىمۇ ئوينىيالايمىز.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، فىرانسىيە، ئەنگىلىيە، رۇسىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەر ئېنېرگىيە دۆۋىسى ئاجىز يېقىلغۇسىنى كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش تېخنىكىسىنى ئىگىلىگەن، بىراق ھەربىر دۆلەت ئۆزلىرىنىڭ يادرو تېخنىكىسى سىستېمىسىنى قاتتىق مەخپىي تۇتقان. ھالبۇكى، ئېلىمىزنىڭ يادرو يېقىلغۇ تەرەققىياتىغا 20 نەچچە يىل بولدى، ھازىر قۇرۇلۇپ بولغان 13 يادرو ئېنېرگىيە گۇرۇپپىسى بار بولۇپ، ھەر يىلى زور مىقداردىكى ئاجىز يېقىلغۇ بىرىكمە دېتاللىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ تۈر تېخنىكىسىنى ئىگىلەشتىن بۇرۇن پەقەت ساقلاشتىن ئىبارەت بىرلا خىل بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى بار ئىدى.

جۇڭگو يادرو گۇرۇھىنىڭ كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش ئارىلىقىدىكى سىناق قۇرۇلۇشىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋاڭ جيەن زىيارەتنى قوبۇل قىلدى