ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، شۇ جاي ۋاقتى 26–يانۋاردىن باشلاپ ، ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون ، نيۇ يوركنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرقىي شىمالدىكى رايونلار جۇدۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى . بۇ ناچار ھاۋارايى سەۋەبىدىن ، شەرقىي شىمال رايونلىرىدىكى ھەر قايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى 26– ، 27–يانۋار كۈنلىرى مىڭدىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇردى .
CNN ھاۋا رايى خادىمى مورىس مۇنداق دېدى : شۇ جاي ۋاقتى 26–يانۋاردىن باشلاپ ، ئاپپالاچىيە تاغ تىزمىسىنىڭ جەنۇبىدىن ماسساچۇستېس ئىشتاتىنىڭ دېڭىز قىرغىقىغىچە بولغان رايونلار جۇدۇننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى . 26–يانۋار كەچكىچە ، ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدا ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 25 سانتىمېتىرغا يەتتى . نيۇ يوركتا ياغقان قارنىڭ قېلىنلىقى تەخمىنەن 27 ~ 40 سانتىمېتىرغا يەتتى .
ۋاشىنگتوندا 26–يانۋار چۈشتىن كېيىن تۇيۇقسىز قېلىن قار ياغقانلىقتىن ، بىر نەچچە سائەتتىلا پايتەختتىكى رايونلارنىڭ قاتنىشى ئېغىر پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىپ ، ھەتتا زۇڭتۇڭ ئوبامانىڭ ئاپتوموبىلىمۇ يولدا توسۇلۇپ قالغان . ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىدىكى تۆمۈريول تارماقلىرى پويىزلارنى يۈرۈشتىن توختاتقان ، ئايرودروملار نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغان . ۋاشىنگتوندىكى تەخمىنەن 420 مىڭ ئاھالىنىڭ ئۆيىدە توك توختىغان . 26–يانۋار سەھەردىن باشلاپ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى ياللانما خىزمەتچىلەرنى دەم ئېلىشقا قويۇۋەتكەن ، نۇرغۇنلىغان مەكتەپلەردە دەرس توختىغان .
قاتتىق قار سەۋەبلىك ، ھەر قايسى چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بىر قىسىم نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ، بۇنىڭ ئىچىدە دېلتا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرغان نۆۋەتچى ئايروپىلانى ئەڭ كۆپ بولۇپ ، بۇ شىركەت ۋاشىنگتون ۋە بوستونغا قاتنايدىغان 575 نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان . ئامېرىكا بىرلەشمە ئاۋىياتسىيە شىركىتى 347 نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان ، چوڭ قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە شىركىتى 430 نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان . ئامېرىكا غەربىي جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى شەرقىي شىمال رايونىدىكى 100 دىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلاننى ئەمەلدىن قالدۇرغان .
مارىلاند ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ئومارې كىشلەرنى ئاپتوموبىل ھەيدەپ يول يۈرمەسلىككە ئاگاھلاندۇرغان . ئۇ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قىسقىچە قىلىپ ، قاتتىق قار سەۋەبلىك ، بۇ ئىشتاتنىڭ قاتنىشى پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى ، دېگەن .