ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىئاماتكا تەرەققىياتى ھەققىدە يۈرۈشلۈك ماقالىلەر(2)
ھىندىستان ئاۋىئاماتكا چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ بوغۇشىغا تەن بەرمىدى(2)
ھىندىستاننىڭ « Vikrant » ناملىق ئاۋىئاماتكىسى
20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرى ۋە 90-يىللىرى، ھىندىستاننىڭ ئايروپىلان تىپى سىياسىينىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىدى، چۈنكى سوغاق ئۇرۇش مەزگىلىدە ھىندىستان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى بىلەن يېقىنلىشىپ، ئامېرىكا بىلەن يىراقلاشقانلىقتىن، بازاردىن ئەڭ ئىلغار ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئايروپىلان قاڭقىتقۇچ سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قالدى، ئەسلىدە بار بولغان دېڭىز قۇرغۇيى ئۇرۇش ئايروپىلانى ئەينى چاغدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاۋىئاماتكىغا سەپلىنىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن ئىلغار بولغاچقا، لاھىيلەش جەھەتتە قاتماللىققا پېتىپ قالغان.
80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى تېخىمۇ ئىلغار ئاۋىئاماتكا ياساشقا باشلىدى، قىسقا مەيداندا ئۇچۇپ قونۇش، توسۇش ئارقىنى ئارقىلىق قونۇش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى، بۇ يېڭى تېخنىكىلار ھىندىستان لاھىيلەش خادىملىرىغا يېڭى ئۈمۈد ئاتا قىلدى، ئۆزى ياسىماقچى بولغان 20 مىڭ توننىلىق بىرىنچى ئاۋىئاماتكىنى لاھىيلەپ چىقتى ھەمدە « ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش پاراخوتى » دەپ نام بەردى، قۇرغۇي ناملىق ۋە ھىندىستان ھازىر تەتقىق قىلىۋاتقان يېنىك تىپتىكى پاراخوتقا سەپلىنىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. ئەمما قىسقا مەيداندا ئۇچۇپ قونۇش، توسۇش ئارقىنى بىلەن قونۇش تېخنىكىسى ئاۋىئاماتكىغا سەپلىنىدىغان ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش قونۇش سۈرئىتىگە بولغان تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى، يەنە ئۇچۇش پالۇبىسىنى 15 مېتىر ئۇزارتىشنى، 24 مىڭ توننا سۇ سىرغىتىش مىقدارى بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
بۇ چاغدا، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسى روسىيەدە ياسالغان « دېڭىز ئارمىيە گېنرالى گورشكوۋ » ناملىق ئاۋىئاماتكىنى ۋە ئۇنىڭغا سەپلىنىدىغان MiG-29K ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىۋېلىشنى ئەستايىدىل ئويلىشىشقا باشلىدى ھەمدە ئاۋىئاماتكىغا « ۋىكو رامادىيا » دەپ نام بەرمەكچى بولدى.
MiG-29K ئۇرۇش ئايروپىلانى ئۇچۇپ قونالايدىغان قىلىش ئۈچۈن. ھىندىستان ئۆزى ياسىماقچى بولغان ئاۋىئاماتكىنى قايتىدىن لاھىيلەپ چىقتى، 37 مىڭ 500 توننىلىق بولۇپ، 30 دانە ئايروپىلان ۋە 1600 نەپەر ئوفىتسېر-ئەسكەر ئېلىپ يۈرەلەيدۇ.
بۇ لاھىيە 2003-يىلى 1-ئايدا ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ مەبلىغى ھەمدە ئىتالىيە ۋە روسىيەنىڭ تېخنىكا جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشتى. 2004-يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى تەخمىنەن 660 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىرىپ، كوچىن كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ئۆزى ئاۋىئاماتكا ياساشقا باشلىدى. ئاۋىئاماتكىغا INS Viraat دەپ نام بەردى، دۆلەت ئىچىدىكى ۋاكالەت نومىرى « 71 نومۇرلۇق قۇرۇلۇش » بولۇپ، دۆلىتىدە ئىشلەنگەن يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ( 75-نومۇرلۇق قۇرۇلۇش ) بىلەن بىرگە، كەلگۈسىدىكى ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسى تەرەققىياتىدىكى يادرولۇق تۈر دەپ قارىلىدۇ. موشۇ كەمگىچە، ھىندىستاننىڭ ئۆزى ياسىماقچى بولغان ئاۋىئاماتكا لاھىيىسى بوران-چاپقۇنلارنى باشتىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن ئاخىرى چاڭ-توزانلىرى بېسىقتى.
ھىندىستان ئۆزى ياسىماقچى بولغان بىرىنچى ئاۋىئاماتكا پىلانى 2012-يىلى باشلىنىدۇ، ئەمما ھىندىستاننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى كوچىن كېمىسازلىق زاۋۇتىدا ياسىلىدىغان بۇ ئاۋىئاماتكا 2014-يىلغا كەلگەندە ئاندىن پۈتىدىغاندەك قىلىدۇ. 252 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۇ ئاۋىئاماتكىنىڭ ئىككى يۈگۈرۈش يولى بار بولىدۇ، بىر يۈگۈرۈش يولى 3 تال ھەركەتلەندۈرۈش ئارقىنى بولغان قونۇش يولى قىلىنىدۇ، تەخمىنەن 10 مىڭ كىۋادىرات مېتىرلىق ئۇچۇش پالوبىسى بار بولىدۇ. بۇ ئاۋىئاماتكا 160 نەپەر ھەربىي ئەمەلدار، 1400 نەپەر ماتروس، 12 دانە MiG-29K كۈرەشچى ئايروپىلان، 8 دانە Tejas يېنىك تىپتىكى كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە 10 دانە تىك ئۇچار ئايروپىلان ئېلىپ يۈرەلەيدۇ.
ھىندىستاننىڭ مۇستەقىل مۇخبىرى سۇھا راماچاندرا خەۋەر قىلىپ، مۇبادا بۇ ئاۋىئاماتكا ۋەزىپە ئۆتەشكە باشلىسا، ھىندسىتان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ « قالپىقى ئۈستىدىكى پەي » بولۇپ قالىدىكەن. ئەمما ھازىر بۇ تۈر ھىندىستان كېمە ياساش ئېنژىنېرلىرى ۋە دېڭىز ئارمىيىسىنى نۇرغۇن كېچە ئۇيقۇسىز قالدۇردى. ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرى 2007-يىلىلا خەۋەر قىلىپ، ئۆزى ئاۋىئاماتكا ياساش تۈرى « بارلىق تەرەپلەردە دېگۈدەك » ئەسلى پىلانغا قارىغاندا كېچىكىپ كەتتى دېگەن.
باشلىنىشىدىن تارتىپ، ئاۋىئاماتكا ياساش پىلانى نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرگە يولۇقتى. ئۆزى ياسىماقچى بولغان ئاۋىئاماتكا 2003-يىلىلا ھۆكۈمەتنىڭ رۇخسىتىگە ئېرىشكەن، 2005-يىلدىكى 4-ئايدىكى سىمۋوللۇق پولات كېسىش قۇرۇلۇشنىڭ رەسىمىي باشلانغانلىقىدىن دېرەك بەردى، ئەمما 19 ئايدىن كېيىن ئاندىن ھەقىقىي ياساشقا كىرىشتى.
بۇ قۇرۇلۇش يەنە سېتىۋېلىش جەھەتتە قىيىنچىلىققا ئۇچرىدى. بىر قىيىنچىلىق بولسا 20 مىڭ توننا ئالىي سۈپەتلىك پولات ماتىرىيالى سېتىۋېلىش بولۇپ، ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ پولات-تۆمۈر ياساش كارخانىسى __ھىندىستان پولات-تۆمۈر باشقۇرۇش ئىدارىسى چەكلىك شېركىتى ئارىلاشقاندىلا ئاندىن ھەل بولدى. كېيىن يەنە كېمە ياساشتا ئىشلىتىدىغان يېسى پولات سېتىۋېلىش مەسىلىسى كۆرۈلدى. گەرچە بۇ مەسىلىلەر تېزلا ھەل بولغان بولسىمۇ، ئەمما يېڭى مەسىلىلەر توختىماي چىقىپ، قۇرۇلۇشنى قايتا-قايتا كېچىكتۈرۈپ تاشلىدى.
ئاۋىئاماتكىنىڭ كىل (كېمىنىڭ كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسى) نى ياتقۇزۇش ئەسلى پىلاندا 2007-يىلى 10-ئايدا تاماملاش بولۇش ئىدى، ئەمەلىيەتتە 2009-يىلى 2-ئايدا ئاندىن بۇ ۋەكىللىك ئىلگىرلەشكە ئېرىشكەن. ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ كېچىكىش مەزكۇر تۈرنىڭ تەننەرخىنى « قاتتىق » كۆتۈرۈپ تاشلىدى دەپ خەۋەر قىلغان. دېڭىز ئارمىيىسى غەربىي قوماندانلىق شىتابىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى « كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ھىندىستاننىڭ پىلانىدا بىر قىسىم قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان » لىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر:
-
شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى مىللىي مۇزىكا (ئوركىستىر) ئۆمىكى 2011 ــ يىللىق ‹‹گۈزەل شىنجاڭ ــ نورۇز ›› س
-
ئونسۇ ناھىيەسى 2011–يىللىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنيەت خىزمەت يىغىنى ئاچتى
-
ئونسۇ ناھىيەسى 2011–يىللىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنيەت خىزمەت يىغىنى ئاچتى
-
ئونسۇ ناھىيەسى 2011–يىللىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنيەت خىزمەت يىغىنى ئاچتى
-
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
-
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
-
سۈرەتلىك خەۋەرلەر
-
مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتىۋىدە مەدەنىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتك
-
مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتىۋىدە مەدەنىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتك
-
مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازارلىق ئوتتۇرا مەكتىۋىدە مەدەنىي تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى ئۆتك