ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ھىندىستان ئاۋىئاماتكا چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ بوغۇشىغا تەن بەرمىدى(1)

2011-يىلى01-ئاينىڭ31-كۈنىمەنبە:news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىئاماتكا تەرەققىياتى ھەققىدە يۈرۈشلۈك ماقالىلەر(2) ھىندىستان ئاۋىئاماتكا چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ بوغۇشىغا تەن بەرمىدى(1) ھىندىستاننىڭ Viraat ناملىق ئاۋىئاماتكىسى ھىندىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇدرەتلىك دۆلىتى بولۇش چۈشىنى كۆرگىلى ئۇزۇن دەپ
  

ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىئاماتكا تەرەققىياتى ھەققىدە يۈرۈشلۈك ماقالىلەر(2)
        ھىندىستان ئاۋىئاماتكا چوڭ دۆلەتلىرىنىڭ بوغۇشىغا تەن بەرمىدى(1)

ھىندىستاننىڭ « Viraat » ناملىق ئاۋىئاماتكىسى

ھىندىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇدرەتلىك دۆلىتى بولۇش چۈشىنى كۆرگىلى ئۇزۇن دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. 1947-يىلى مۇستەقىل بولۇپ 6 ئاي بولغاندىلا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئەنگىلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسىدىن ھىندىستاننىڭ دېڭىز ئارمىيە قۇرۇشنى پىلانلىشىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلدى، ئەينى چاغدا ھىندىستان جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى قۇرۇقلۇقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى بېنگال قولتۇقى بىلەن ئەرەب دېڭىزىنىڭ ھەربىرى بىردىن ئاۋىئاماتكا فلوتىغا ئېھتىياجلىق، يەنە بىر ئاۋىئاماتكىنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىش كېرەك دەپ قارايتتى. ھازىرغا قەدەر، ھىندىستاننىڭ « ئۈچ ئاۋىئاماتكا » پىلانى يەنىلا ئۆزگەرگىنى يوق.
2009-يىلى 2-ئايدا، ھىندىستان ئۆزى ياسىماقچى بولغان 37 مىڭ 500 توننىلىق ئاۋىئاماتكىغا كىل (كېمىنىڭ كۆتۈرۈش قۇرۇلمىسى) ئورنىتىشنى تاماملىدى، ھىندىستان ئاخباراتلىرى بۇ، ھىندىستاننىڭ « ئاۋىئاماتكا دۆلەتلىرى كۇلۇبى » غا كىرىپ، ئامېرىكا، روسىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئاۋىئاماتكا ياساش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ دەپ تەنتەنە قىلىشتى.
1957-يىلى، ھىندىستان ئەنگىلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى بەرگەن تېخى پۈتمىگەن « MAJESTIC » دەرىجىسىدىكى يېنىك تىپتىكى ئاۋىئاماتكىغا ئىگە بولدى ھەمدە بېلفاستتا ياساپ پۈتتۈردى. 4 يىلدىن كېيىن، بۇ ئاۋىئاماتكا ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىگە كىرىپ ۋەزىپە ئۆتىدى، ئىسمىنى «  Vikrant » ناملىق دەپ ئۆزگەرتتى.
1985-يىلى، ئەنگىلىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيىسى ھىندىستانغا ئەينى چاغدا ۋەزىپە ئۆتىگىلى 25 يىل بولغان 28 مىڭ توننىلىق « سېنتاۋۇر يۇلتۇز تۈركۈمى » دەرىجىسىدىكى HMS Hermes ناملىق ئاۋىئاماتكىنى سېتىپ بېرىشنى قارار قىلدى. ھىندىستان خوشاللىق بىلەن سېتىۋالدى ھەمدە ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرغاندىن كېيىن « Viraat » دەپ ئىسىم قويدى. Vikran ناملىق ئاۋىئاماتكا 1997-يىلى قىسىمدىن چېكىندۈرۈلدى، شۇنىڭ بىلەن « Viraat » ناملىق ئاۋىئاماتكا ھىندىستاننىڭ بىردىنبىر ئاۋىئاماتكىسى بولۇپ قالدى.
2004-يىلى 1-ئايدا، ھىندىستان بىلەن روسىيە كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۆزگەرتىلگەن « دېڭىز ئارمىيە گېنرالى گورشكوۋ » ناملىق ئاۋىئاماتكا ۋە 16 دانە MiG-29K تىپلىق ئاۋىئاماتكا سەپلىنىدىغان ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سېتىۋالدى.
ھىندىستان ئەسلىدە روسىيەنىڭ ئاۋىئاماتكىسىنى 2008-يىلدىن 2009-يىلغىچە تاپشۇرىۋېلىپ، ۋەزىپە ئۆتىگىلى 50 يىل بولغان دۇنيادىكى ئەڭ قېرى ئاۋىئاماتكا « Viraat » ناملىقنى پېنسىيەگە چىقارماقچى بولغان ئىدى. ئەمما روسىيە ئېنجىنېرلىرى ئاۋىئاماتكىنى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇشقا كەتكەن ۋاقىتنى تۆۋەن مۆلچەرلەپ قويغان بولغاچقا، ئۆزگەرتىش مۇساپىسى قايتا-قايتا كېچىكىپ كەتتى، ئەڭ ئاخىرىدا تاپشۇرۇپ بېرىش خىزمىتى 2012-يىلغا بارغاندا ئاندىن تاماملىنىدىغان بولدى.
تېخىمۇ چاتاق بولغىنى، « دېڭىز ئارمىيە گېنرالى گورشكوۋ » ناملىق ئاۋىئاماتكىنى ئۆزگەرتىپ ياساش راسخوتى ئۇدا ئۆرلەشكە باشلىدى، 2004-يىلى ئىمزالىغان كېلىشىمدىكى باھاسى 974 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، 2007-يىلى 11-ئايغا كەلگەندە ئۆرلەپ 2 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولدى. ئاۋىئاماتكا باھاسىدا تېزراق كېلىشىش ئۈچۈن، ھىندىستان 2009-يىلى 1-ئايدا روسىيە سۆھبەت ۋەكىللىرى ئۆمىكى ئەۋەتتى. ئەمما روسىيەنىڭ جاۋابى يېڭى دېھلىنىڭ بېشىغا توقماق تەككەندەك بولدى، ھىندىستاندىن ئۆزگەرتىپ ياساش راسخوتىنى يەنە 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلدى. ھىندىستان « چوڭ دۆلەتلەر تەرىپىدىن بوغۇلۇش » نىڭ ئازابىنى تېتىپ كۆردى.
1999-يىلىدىن 2001-يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا، ھىندىستان «« Viraat » » ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى بىر قېتىم چوڭ رېمونت قىلىپ، ھەركەتلەندۈرۈش سېستىمىسى، رادار، ئالاقە سېستىمىسى ۋە قورال سېستىمىسىنى يېڭىلاپ، ئاۋىئاماتكىنىڭ ئىشلىتىش ئۆمرىنى 10 يىل ئۇزارتتى. ئەمما 2008-يىلى، ھىندىستاننىڭ بۇ بىردىنبىر ئاۋىئاماتكىسىنى بومبايدىكى كېمىسازلىق زاۋۇتىدا تاكى 2009-يىلى 7-ئايغىچە رېمونت قىلىشقا مەجبور بولدى. بۇ، نۆۋەتتىكى ھىندىستاندىن ئىبارەت يېڭىدىن گۈللەنگەن چوڭ دۆلەتنىڭ دېڭىزدىكى مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ھەركەتتىكى ئاۋىئاماتكىسىنىڭ يوقلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
ھىندىستان ئاخبارات ۋاستىلىرى ئاۋىئاماتكا كاسات بولغان بۇ يوشۇرۇن خەۋپلىك ھالەتنى ھۆكۈمەتتىن كۆردى، نەچچە نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىۋى سىياسىتى بىلەن ماس كېلىدىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك دۆلەت مۇداپىئە پىلانىنى يۈرگۈزمىدى دەپ قارىدى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، چۈنكى ھىندىستاننىڭ دەل ۋاقتىدا قارار چىقىرىش ئىقتىدارى ئەسلا يوق ئىكەن، شۇڭا ئۆزى ئاۋىئاماتكا ياساش پىلانىنى نەچچە يىل كېچىكتۈرۈپ تاشلىغان، ھەتتا  تۇنجى ئۆزى ياسىغان ئاۋىئاماتكا ئېھتىمال 2014-يىلى سۇغا چۈشىشى مۇمكىن.
ئەمەلىيەتتە، ھىندىستاندا 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئۆزى ئاۋىئاماتكا ياساش مۇددىئاسى پەيدا بولغان ئىدى. ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى ئارۇن پراكاش (Arun Prakash) گېنرالنىڭ تونۇشتۇرىشىغا ئاساسلانغاندا، ئەينى چاغدا «  Vikrant » ناملىق ئاۋىئاماتكىنىڭ كونىراپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، يەنە بىر دانە ئاۋىئاماتكا سېتىۋېلىش تەس بولغاچقا ھەمدە ھىندىستان تەربىيلەپ چىققان ئاۋىئاماتكا ئايروپىلانى خادىملىرىنى ئىشلىتىدىغان ئورۇن بولمىغاچقا، ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسى ئۆز پاراخوتىنى تەتقىق قىلىپ چىقىشنى ئويلاشقا باشلىغان. ھىندىستان دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ لاھىيلىگۈچىلىرى يولۇچىلار پاراخوتىنى ئاۋىئاماتكىغا ئۆزگەرتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل لاھىيىلەرنى ئويلاشقان، ئەمما ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىگەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!