ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىدىكى دېڭىز قولتۇقىدا مىليونلىغان ئۆلۈك بېلىق پەيدا بولدى

2011-يىلى03-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى يوللىغۇچى:
  

    يېقىندا ، كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس ئانژېلېس شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز قولتۇقىدا تۇيۇقسىز نەچچە مىليون ئۆلۈك بېلىق پەيدا بولغان بولۇپ ، بۇ بېلىقلارنىڭ ئىچىدە ئانچوئۇس بېلىقى ، ماككېرېل بېلىقى ، ساردىنا بېلىقى ۋە باشقا كىچىك بېلىقلارمۇ بار ئىكەن . شۇجايدىكى بىر ساقچى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە ، خان پورتى ( King Harbor Marina ) دىكى ئون نەچچە شەخسىي پاراخوتلارنىڭ ئەتراپىدا نۇرغۇن ئۈلۈك بېلىقلار بايقالغان .

    نۆۋەتتە ، ئۆلۈك بېلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبى سۈرۈشتۈرۈلۈۋېتىپتۇ .

 
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!