شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 9-مارت خەۋىرى: يەمەن پايتەختى سانا شەھىرىگە جايلاشقان بىر تۈرمىدە 8-مارت توپىلاڭ يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئىككى جىنايەتچى قازا قىلغان، 4 تۈرمە ساقچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 ئادەم يارىلانغان.
يەمەن ئىچكى سىياسىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، سانا مەركىزىي تۈرمىسىگە قامالغان جىنايەتچىلەر 7-مارت كەچ پىرىزدېنت سالىھنىڭ تەختتىن چۈشۈشىنى تەلەپ قىلىپ شوئار توۋلىغان. 8-مارت سەھەردە، تۈرمىدە توپىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ، تۈرمە ساقچىسى ئوق چىقىرىپ ۋەزىيەتنى كونترول قىلماقچى بولغان، زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ساقچىلىرى جىنايەتچىلەرنىڭ كامىرىغا قايتىشىنى تەلەپ قىلىپ ياش ئاققۇزۇش گازى ئاتقان، توپىلاڭدا 2 نەپەر جىنايەتچى قازا قىلغان، ئاز دېگەندە 20 ئادەم يارىلانغان.
بۇ ئەمەلدارنىڭ دېيىشىچە، بۇ تۈرمىگە قامالغانلار ئىچىدە ئەل-قائىدنىڭ ئادەملىرى يوق ئىكەن. تۈرمىگە يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرغان ئىككى ئاممىنىڭ مۇخبىرغا دېيىشىچە، ئۇلار 7-مارت كەچتىن 8-مارت سەھەرگىچە پات-پات ئوق ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغان. مۇخبىر 8-مارت چۈشتىن كېيىن تۈرمىنىڭ ئەتراپىدا قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ۋە ھەربىي ماشىنىلارنىڭ نەق مەيدانغا توختىماي كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، نەق مەيداننى مۇخبىرلارنىڭ سۈرەتكە تارتىشى چەكلەنگەن.
يەمەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، پىرىزدېنت سالىھنىڭ تۈرمىدىكى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!