ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

بان كىمون كوتى دى ئىۋۇئېر كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بەش تۈرلۈك پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ31-كۈنىمەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللىغۇچى: ئايگۇل
  ماتېرىيال سۈرەت: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون    شىنخۇا تورى ، ئەددىس ئەبىبە ، 30–يانۋار تېلېگراممىسى : بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 30–يانۋار ئېفىئوپىيە پايتەختى ئەددىس ئەبىبەدە كوتى دى ئىۋۇئېر ( The Repu
  
 
ماتېرىيال سۈرەت: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون

   شىنخۇا تورى ، ئەددىس ئەبىبە ، 30–يانۋار تېلېگراممىسى : بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون 30–يانۋار ئېفىئوپىيە پايتەختى ئەددىس ئەبىبەدە كوتى دى ئىۋۇئېر (The Republic of Cote d'ivoire) كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ بەش تۈرلۈك پىرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

   16–نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بان كىمون مۇنداق دېدى : ب د ت ئافرىقا ئىتتىپاقى خەۋپسىزلىك ۋە تىنچلىق كېڭىشىنىڭ كوتى دى ئىۋۇئېر ۋەزىيىتى توغرۇلۇق چىقارغان كەسكىن قارارىغا قوشۇلۇش بىلەن بىرگە ، ئافرىقا ئىتتىپاقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك كومىتېت قۇرۇپ ، كوتى دى ئىۋۇئېر كىرىزىسىنى ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ .

   ئۇ مۇنداق دېدى : كوتى دى ئىۋۇئېر كىرىزىسىنى ھەل قىلىشتا تۆۋەندىكى بەش پىرىنسىپقا ئەمەل قىلىش كېرەك : بىرىنچى، ھازىر بار بولغان سايلام نەتىجىسىگە ھۆرمەت قىلىش كېرەك ؛ ئىككىنچى ، ۋاتالا رەھبەرلىكىدىكى مىللىي ئىتتىپاقداش ھۆكۈمەتنى تەشكىللەش كېرەك ؛ ئۈچىنچى ، ب د ت نىڭ كوتى دى ئىۋۇئېردىكى خىزمەتلىرىگە توسالغۇ بولۇۋاتقان بارلىق ئامىللارنى يوقىتىش كېرەك ؛ تۆتىنچى ، كوتى دى ئىۋۇئېر قانۇنلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي كىرىزىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىنى قوللاش كېرەك ؛ بەشىنچى ، ب د ت نىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقى قۇرغان ئالىي دەرىجىلىك كومىتېت بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك .

   بان كىمون يەنە تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: كوتى دى ئىۋۇئېر كىرىزىسىنى قانداق ھەل قىلىش ب د ت نىڭ ئىناۋىتىگە تاقىلىپلا قالماي ، يەنە باشقا رايونلارنىڭ سايلىمىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ .

   بۇلتۇر 28–نويابىر ، كوتى دى ئىۋۇئېردا زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2–قېتىملىق بېلەت تاشلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى . بىر قانچە كۈندىن كېيىن ، كوتى دى ئىۋۇئېر مۇستەقىل سايلام كومىتېتى ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى، سابىق زۇڭلى ۋاتالانىڭ سايلامدا غەلىبە قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، بىراق كېيىن كوتى دى ئىۋۇئېر ئاساسىي قانۇن كومىتېتى بۇ نەتىجىنى بىكار قىلىپ ، ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭ بابونىڭ سايلام غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى . شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ ئىككى كىشى ئايرىم–ئايرىم ھالدا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرۇش قەسىمى بەردى . ھازىر ، ب د ت ، ئافرىقا ئىتتىپاقى ، غەرب ئورتاق گەۋدىسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلار بىردەك ۋاتالانىڭ زۇڭتۇڭ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ، بىراق بابو تەختتىن چۈشۈشنى رەت قىلدى.

 
ماتېرىيال سۈرەت: بابو قەسەم بەرمەكتە
 

ماتېرىيال سۈرەت: ۋاتالا قەسەم بەرمەكتە

( مۇھەررىر : شەرىپە )
خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!