كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۈگۈن ، كورىيە–ئامېرىكا بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى ئەڭ ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويغان بولۇپ ، ئىككى دۆلەت ھەربىي قىسىملىرى غەربىي دېڭىزدا ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى مېخانىكىلىق ئۇسۇلدا توشۇش مانېۋىرى ئېلىپ بارىدىكەن .
مۇناسىۋەتلىك خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە ، بۈگۈن ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى مېخانىكىلىق ئۇسۇلدا توشۇش مانېۋىرى بىلەن ئاۋىياماتكىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئاپېرىپ قويۇش ئۇرۇشى مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ ، پىلانغا ئاساسلانغاندا بۈگۈن چۈشتىن كېيىن مانېۋىر ئاياغلىشىدىكەن .
ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى مېخانىكىلىق ئۇسۇلدا توشۇش مانېۋىرى بولسا ئۇرۇش ۋاقتىدا ھەرىكەتلىنىۋاتقان پاراخوتلارغا ئاشلىق ، ئوق–دورا ۋە يېقىلغۇ قاتارلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىدىغان مانېۋىر ھېسابلىنىدىكەن .
28–نويابىر باشلانغان بۇ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ، بىر قېتىملىق دېڭىز ئۈستىدە ئۆتكۈزۈلگەن رەسمىيەتچىلىك مانېۋىرى بولۇپ ، ئامېرىكا ۋە كورىيە ئايرىم–ئايرىم ھالدا ‹‹ ۋاشېنگىتون ›› ناملىق ئاۋىياماتكا ۋە ئوندىن ئارتۇق چوڭ تىپتىكى پاراخوتنى قاتناشتۇرغان . بۇ مانېۋىر ھەر كۈنى 24 سائەت ئېلىپ بېرىلغان .
كورىيە ھەربىي تەرەپ چاۋشيەننىڭ ‹‹ مانېۋىردىن كېيىن ھەربىي قۇتراتقۇلۇق قىلىشى مۇمكىن ›› دەپ قارىغانلىقىنى ھەمدە داۋاملىق مۇداپىئە ھالىتىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن .