6-دېكابىر، كىشىلەر پاكىستاننىڭ غەربى شىمال قىسمىدىكى مۇھەمەند قەبىلىسى جايلاشقان رايوندا پارتىلاش يۈز بەرگەن نەق مەيداننى تازلىماقتا
پاكىستان ساقچى ئەمەلدارىنىڭ 6-دېكابىر ئېيتىشىچە، پاكىستاننىڭ غەربى شىمال قىسمىدىكى مۇھەمەند قەبىلىسى جايلاشقان رايوندا شۇ كۈنى ئىككى قېتىم ئۆزىنى قوشۇپ پارتىلتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، قازا قىلغانلارنىڭ سانى 50 كىشىگە يەتكەن. پاكىستاندىكى تالىبانلار بۇ ۋەقەنى ئۆزلىرىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان.