خەلقئارا لىنىيە مەخسۇس خەۋىرى: رۇسىيە سەھيە ئىدارىسىنىڭ 2-فېۋرال ئېلان قىلىشىچە، موسكىۋادىكى Domodedovo International ئايرودىرومىدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئېغىر يارلانغان يولۇچىلار ئالدىنقى كۈنى بىر كېچىدىلا قازا قىلغان. ھازىرغىچە، موسكىۋا Domodedovo International ئايرودىرومىدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغان ئادەم سانى 36 ئادەمگە يەتكەن.
ئىگلىنىشىچە، يەنە 113 نەپەر تېرورلۇق ھۇجۇمىدا يارلانغان ئامما موسكىۋادىكى ماجور دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ، بۇلارنىڭ ئارسىدىكى بىر ئادەمنىڭ ھاياتى خەتەر ئىچىدە ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، موسكىۋا ھۆكۈمىتى نۆۋەتتە جورىزدىكى تاكسىي شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، بۇنىڭدىن كېيىن جىددي ئەھۋال يۈز بەرگەندە، يېقىن ئەتراپتىكى كىرا ئاپتۇموبىللىرىنى خەلقنى ھەقسىز مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشكە ئورۇنلاشتۇرغان.
24-يانۋار، موسكىۋادىكى ئەڭ چوڭ ئايرودىروم بولغان Domodedovo International خەلقئارالىق ئايرودىرومى تېرورچىلارنىڭ ئۆزىن قوشۇپ پارتىلىتىش ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 200 نەچچە ئادەمنىڭ يارلىنىشى كېلىپ چىققان.