2-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاقسارايدا ئامېرىكا ۋە روسىيەنىڭ( ھۇجۇم قىلغۇچى ئىستراتىگىيىلىك قوراللارنى ئازايتىش ۋە چەكلەش كېلىشىمنامىسى) توغرىسىدىكى كېلىمىشنامىگە ئىمزا قويدى. كېلىشىمنامىگە ئاساسلانغاندا: ئامېرىكا روسىيە ئىككى دۆلەت 7 يىلنىڭ ئىچىدە ئوق بېشى سانىنى چەكلىمىسىنى 1550 دانىگە ( ھەربىي ئاتالغۇ) قىسقارتىدىكەن. بۇ كونا كېلىشىمنامىگە قارىغاندا %30 پىرسەنىت كېمىيىدىكەن. روسىيە زۇڭتۇڭى Dmitry Medvedev ئالدىنقى ئاينىڭ 28-كۈنى بۇ يېڭى ئەسكەر قىسقارتىش كېلىشىمنامىسىگە قول قويغان ۋە تەستىقلىغان ئىكەن. ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يېڭى كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويۇشى ئامېرىكا - روسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى ئىكەن.