ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت>خەۋەرلەر>خەلقئارا>

شىمالىي كورىيە دائىرلىرى شەرتسىز جەنۇب شىمال سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى رەسىمىي ئوتتۇرىغا قويدى

2011-يىلى01-ئاينىڭ09-كۈنىمەنبە:www.news.okyan.com يوللىغۇچى: ئايگۇل
كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە تىنىچ بىرلىككە كېلىش كومىتىتى 8-يانۋار جەنۇب شىمال سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنە قىزىل كىرسىت يىغىنى سۆھبىتى ۋە كۇم گاڭ تېغى ساياھىتىنى ھەمدە 1-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 2-ئاينىڭ بېشىدا كائېس
  


كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە تىنىچ بىرلىككە كېلىش كومىتىتى 8-يانۋار جەنۇب شىمال سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، يەنە قىزىل كىرسىت يىغىنى سۆھبىتى ۋە كۇم گاڭ تېغى ساياھىتىنى ھەمدە 1-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 2-ئاينىڭ بېشىدا كائېسوڭدا مەزكۇر رايونغا ئالاقىدار يىغىننى قايتىدىن باشلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان .
شىمالىي كورىيە مەركىزىي ئاگېنتلىقى 8-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە تىنىچ بىرلىككە كېلىش كومىتىتى باياناتچىسى شۇ كۈنى سۆز قىلىپ، 5-يانۋار ئېلان قىلغان « ھۆكۈمەت، پارتىيە، كوللىكتىپ بىرلەشمە باياناتى » نىڭ مۇھىم تەشەببۇسىنى ئاكىتىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، نۆۋەتتىكى قاتمال ۋەزىيەتنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى بالدۇر تېپىپ، جەنۇب شىمال كورىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، تىنىچ گۈللىنىش يولىنى ئېچىش ئۈچۈن ئۈچ تۈرلۈك مەزموننى ئوتتۇرىغا قويغان.
شىمالىي كورىيە تىنىچ بىرلىككە كېلىش كومىتىتى جەنۇب شىمالنىڭ شەرتسىز ھالدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەسىمىي ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ سۆزلىشىش ئارقىلىق سۆھبەتنىڭ دەرىجىسى، ۋاقتى ۋە ئورنىنى بېكىتسە بولىدىكەن.
شىمالىي كورىيە تىنچ بىرلىككە كېلىش كومىتىتى :« ئۈزۈلۈپ قالغان قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى سۆھبىتى ۋە كۇم گاڭ تېغى ساياھىتى سۆھبىتىنى قايتىدىن باشلاش كېرەك، بىرلا ۋاقىتتا كائېسوڭ رايونىغا ئالاقىدار سۆھبەتنى بالدۇراراق باشلاش كېرەك » دېگەن.
شىمالىي كورىيە تىنچ بىرلىككە كېلىش كومىتىتى سۆزلىشىش يولىنى ئېچىپ، جەنۇب بىلەن شىمالنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن، كائېسوڭ رايونى جەنۇب شىمال كورىيەلەر ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىش باشقارمىسى قوللانغان پېچەتلەش تەدبىرىنى بىكار قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خەۋەر ئورتاقلاشقاندا تەرجىمە ئورگىنال مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنۇتماڭ، رەھمەت!