خۇ جىنتاۋ 17 –نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6–ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى :
ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ، پارتىيە ئىستىلى ، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك
ۋۇ باڭگو ، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن ،شى جىنپىڭ ، جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى
خې گوچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 – يانۋار تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى خۇ جىنتاۋ 10 – يانۋار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 6 – ئومۇمىي يىغىنىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ كۆپ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى رېئاللاشتۇرۇش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، پاكلىقنى تەشەببۇس قىلىش قۇرۇلۇشىدىكى ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھەقىقىي ياخشى قوغداش؛ كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن بولغان گۆش بىلەن قاندەك مۇناسىۋىتىنى ساقلاش؛ خەلقنىڭ قوللىشى ۋە قاتنىشىشىغا زىچ تايىنىپ، خەلقنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئاكتىپ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش؛ چىرىكلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، چىرىك ئۇنسۇرلارنى قاتتىق جازالاپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن ۋۇ باڭگو، ۋېن جياباۋ، جيا چىڭلىن، لى چاڭچۈن، شى جىنپىڭ، جۇ يۇڭكاڭ يىغىنغا قاتناشتى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې گوچياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھازىر تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، مەركەزنىڭ مۇھىم قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە 17 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5 – ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە، ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىككىنچى، چىرىكلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تەربىيە، تۈزۈم، نازارەتچىلىك، ئىسلاھات، ئىستىل تۈزىتىش، جازالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش ئاساسىدا مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قىيىن نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتلارنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك، تەلەپچان بولۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك، تەلەپچان بولۇشىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. تۆتىنچى، قانۇن – ئىنتىزامغا خىلاپ دېلولارنى تەكشۈرۈش، بېجىرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى زورايتىپ، دېلو تەكشۈرۈش، بېجىرىشتىكى قاتتىق پوزىتسىيەنى ئىزچىل ساقلاپ، نۇقتىلىق ساھە ۋە مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىشىش دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، چىرىكلىك ئاسان يۈز بېرىش، كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. بەشىنچى، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈز بەرگەن چىرىكلىشىش مەسىلىلىرىنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. ئالتىنچى، يەرلىكنىڭ نۆۋەت ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىنتىزام كاپالىتى، كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشلىتىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش، ئىشلىتىشتىكى ناتوغرا ئىستىللاردىن ساقلىنىش ۋە ئۇنى تۈزىتىش كېرەك.
خۇ جىنتاۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. بىرىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەربىيەسىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش، پارتىيەنىڭ ماھىيىتى ۋە باش مەقسىتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئاممىۋى قاراشنى پۇختا تۇرغۇزۇش، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش، خەلقنىڭ مەيدانىدا ئاڭلىق تۇرۇش، ئىدىيەدە ئاممىغا ھۆرمەت قىلىش، ھېسسىياتتا ئاممىغا يېقىنلىشىش، خىزمەتتە ئاممىغا تايىنىش، خەلق بىلەن ئىزچىل ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشقا يېتەكلەش كېرەك؛ ئىككىنچى، ئادەمنى ئاساس قىلىش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەلىپى نامايان قىلىنغان تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تەدبىر بەلگىلىگەندە، سىياسەت بېكىتكەندە جەزمەن ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى تولۇق ئويلىشىش، ئاممىنىڭ ئىرادىسىگە تولۇق ھۆرمەت قىلىش، تەرەپلەرنىڭ مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇش، خەلقتىن چارە – تەدبىر سوراش، خەلقنىڭ دەرد – ھالىنى سوراش، خەلقتىن ئەقىل – پاراسەت سوراش، ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش، دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ ئۈچىنچى، خىزمەتلەرنى قانۇن – نىزام ۋە سىياسەت بويىچە قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش قارىشى ۋە ئىشنى قانۇن بويىچە بېجىرىش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشنى قانۇن بويىچە بېجىرىش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئاشكارا بولۇش تۈزۈملىرىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، ھوقۇقنىڭ ئاشكارا يۈرگۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؛ تۆتىنچى، خەلقنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى نۇقتىلىق قوغداپ، خەلقنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ھەقىقىي ياخشىلاشنى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى ئاممىنىڭ ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغداش مېخانىزمىنى ھەقىقىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەركەزنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ياخشىلاش كېرەك؛ بەشىنچى، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش دېلولىرىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك؛ ئالتىنچى، ئاساسىي قاتلام كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى پارتىيەۋىلىك تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىشكە، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىشقا ھەم ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يېڭى بىلىم، يېڭى ئىقتىدار، يېڭى ماھارەتلەرنى ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام خىزمىتىنىڭ قىيىنلىقىنى، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ جاپاسىنى چۈشىنىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ھەقىقىي ئەھمىيەت بېرىش، ھەقىقىي غەمخورلۇق قىلىش ۋە ئۇلارنى ھەقىقىي ئاسراش، ئۇلارنى پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن يېڭى نەتىجە قازىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.